ماقالە

تەرجىمە رومانلار، خەير-خوش قۇياش ۋە باشقىلار

ئانا تىلىمىزدىكى كىتابلار ئىچىدە ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتابلار ئاز ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەلنىڭ داڭلىق رومانلىرى ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىگە بەكرەك قىزىقىمەن.  ئەگەر دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى داڭلىق تەرجىمانلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققان بولسا، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ئىش بولىدۇ، دە، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك تەشنالىق بىلەن ئۇنىڭدىن زوقلىنىشقا باشلايمەن.

چەت ئەل رومانلىرىنى ئەسلى تىلىدىن ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ دەيمىز، ئەمما ئۇ رومانلار ئۇيغۇر تىلىغا ئۇستىلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بۇنىڭدىن ئالىدىغان زوق يەنە باشقىچە بولىدۇ. چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن داڭلىق رومانلىرى ۋە باشقا قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىدى، بۇ ئىنتايىن چوڭ بوشلۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى مەلۇم ئىمكانىيەت بەرگەن 80-يىللار، 90-يىللار ۋە تاكى 2017-يىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى باشلانغىچە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئاز ئەمەس، ئەمما يېتەرلىك بولمىدى، ئانا تىلىغا پىششىق، ئەدەبىي دىتى بار تەرجىمانلار قوشۇنى ئاز بولدى، ئۇلارمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى؛ ۋاقتىنى، زېھنىنى بەردى؛ كۆز نۇرىنى سەرپ قىلدى، ئېسىل تەرجىمە ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ مۇشەققەتلىك، مېھنەتلىك، ئۇلۇغ ئەمگىكىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن.  توختى باقى، رەھمىتۇللا جارىغا ئوخشاش پېشقەدەملىرىمىزنى ياد ئېتىمەن. كېيىن يېتىشىپ چىققان ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىدىنمۇ سۆيۈنۈپ كېتىمەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى لاگېر-تۈرمىلەرگە سولىنىپ، خىتايچە ئۆگىنىشكە زورلانغان، ئەڭ چاتاق يېرى ئانا تىلى ئۈچۈن چاپىدىغان قەلىمىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنى ئويلىغانچە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا بولغان قەھرى-غەزىۋىم قايناپ تاشىدۇ.

كىتاب ئوقۇش ھەر دائىم ساپالىق ئادەملەرنىڭ ئادىتى بولۇپ كەلدى، تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئادەملىرى كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان.  بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. خەلقىمىزدىمۇ كىتاب ئوقۇش، رومان ئوقۇش، بولۇپمۇ تارىخىي رومانلارنى ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. خىتاي بۇنىڭدىنمۇ چۆچۈپ، ئەدەبىياتىمىزنىلا ئەمەس، تىلىمىزنى يوقىتىشقا ئۆتتى. ھازىر چىقىۋاتقان «تارىم»، «تەڭرىتاغ» لارنى كىم تەييارلاپ، كىم ئوقۇۋاتىدىكىن،  «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» دېگەندەك ژۇرناللار يەنە چىقىۋاتامدىكىن، كىملەر يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدىكىن، خەۋىرىم يوق. خىتاي ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، ئۆز تىلىمىزدا چىققان رومانلار ۋە باشقا ئېسىل كىتابلار قىممەتلىك بايلىققا ئايلىنىشقا باشلىدى؛ شۇڭا ئۇلارنى نەدىن بولسۇن تېپىپ، يىغىپ ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ كەلمەكتىمەن. بۇنداقلار يالغۇز مەنلا ئەمەس.

ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش، ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار كۆپ. بۇ تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر جەريان، ئانا تىل مۇھىتىدىن، ئانا تىل مەكتەپلىرىدىن ئايرىلغان شارائىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئانا تىلىنى مىراس قالدۇرۇشقا بىر ئۆمرىنى ئاتىشى كېرەك. يېرىم يولدا بەل قويۇۋېتىدىغانلار، ئۈمىدسىزلىنىدىغانلار، نېمە تىلدا سۆزلىسەڭ سۆزلەپ، روھىڭدا ئۇيغۇرلۇقۇڭنى ساقلاپ قال دەيدىغانلارمۇ خېلى بار. ئۇيغۇرلۇق قەلبى سوقۇپ تۇرىدىغان، ئانا تىل تەپەككۇرىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايدىغانلار ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئانا تىلدىكى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.  ئانا تىل ۋە ئەدەبىيات ئاشىقلىرىغا كەلسەك، ئۇلارغا گەپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن تىل- ئەدەبىيات گويا ۋىسالىغا يېتىش قىيىن بولغان جاناندۇر، ئىشقتۇر، كۆيۈكتۇر؛  ئەلى بابانىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتكەن غاردەك سىرلىق خەزىنىدۇر، ئالساڭ ئالساڭ تۈگىمەيدىغان، ئەمما ئالالىساڭ سېنى ھاياجانغا چۆمدۈرىدىغان بايلىقتۇر.

مەن «ئەۋلاد» تورىغا قويۇلغان ئۇيغۇرچە رومانلارنى توپلىدىم، باشقا تور بەتلىرىگىمۇ قاراپ باقتىم، ئاساسەن ئوخشاش. بىر تور بېتى تاقىلىپ قالسا، يەنە بىرسىگە كىرىپ ئىزدەش ئىمكانى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل رومانلىرى ئاز بولسىمۇ بار ئىكەن، بەزىلىرىنى ئىلگىرى ئوقۇپتىكەنمەن، قايتا ئوقۇدۇم، يېڭى ئوقۇغاندەك بولدۇم، چۈنكى بۇرۇنقىسىنى ئۇنتۇپتىمەن. بۇرۇنقى سەۋىيەدە ئوقۇغان رومان بىلەن ھازىرقى سەۋىيەدە ئوقۇغان رومان كىشىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان تۇيغۇ ۋە تەسىرات بېرىدىكەن. مەسىلەن، دوستويىۋىسكىنىڭ «جىنايەت ۋە جازا» دېگەن رومانىنى 90-يىللاردا  ئوقۇغان،  بىر ئوقۇغۇچىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن بىر جازانىخور موماينى ئۆلتۈرۈپ قويغىنىدىن باشقا ۋەقەلىك ئېسىمدە قالماپتۇ. يېقىندا قايتا ئوقۇدۇم ۋە دوستويىۋىسكىنىڭ بۇ داڭلىق ئەسىرىنىڭ نەقەدەر ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغانلىقىنى، قاتىل ئوقۇغۇچى راسكالىنكوفنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى مۇرەككەپ پىسخكىسىنى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چىنگىز ئايتماتوفنىڭ ئەڭ رومانتىك ئەسىرى «جەمىلە»نى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، ئىلگىرى ئوقۇغانلىرىمنىڭ ھېچنېمىسى ئېسىمدە قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دېمەك بۇرۇن ئوقۇغان بەزى داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتا ئوقۇش كېرەك ئىكەن.  ئۇنىڭدىن كېيىن سولچى يازغۇچى گوركىنىڭ «ئانا» رومانىنى ئوقۇپ چىقتىم، شۇ زاماندا يېڭىدىن شەكىللەنگەن كوممۇنىستىك ئېقىمغا مەدھىيە ئوقۇلغان بۇ روماننىڭ ئىدىيەسى ناچار بولسىمۇ، تىلى، تەسۋىرى، ۋەقەلىكى خېلىلا جەلىپ قىلارلىق ئىكەن.

مەن يەنە ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئوقۇيمەن دەپ ئوقۇيالماي كەلگەن «مەمەت ئاۋاق» رومانى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قالاق دەۋرىدىكى ۋەزىيەت بىلەن  توروس تاغلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگەن بولسام، «گراف مونتى كىرىستو» رومانى ئارقىلىق فرانسىيەنىڭ شۇ زاماندىكى مەنزىرىسىگە شاھىد بولدۇم ۋە ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان كىرىستوفنىڭ قىساس ئالغان پەيتىدىكى ھۇزۇرىدىن مەستخۇش بولدۇم.

خالىد ھۈسەيىننىڭ «لەگلەك ئۇچۇرتقۇچى»، «پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش» دېگەن رومانلىرى ئىنگىلىزچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، تەرجىمىنىڭ سۈپىتىگە باشتا گۇمان بىلەن قارىغان، بىر نەچچە بەتنى ئوقۇغاندىن كېيىنلا بۇنىڭ ياخشى تەرجىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. بۇ ئىككى روماننى ئوقۇغان كىشى ئافغانىستانغا بارغاندەك، شۇ ئىشلارغا شاھىد بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ. مەن «لەگلەك ئۇچۇرتقۇچى» رومانىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىمنى كۆرگەن، ئەمما روماندىكىدەك ياخشى تەسىر بەرمىدى.  روماننى ئوقۇغاندىكى ھۇزۇر تامامەن باشقا ئىكەن.

مەن يازغۇچىلىق يولىدا مېڭىۋاتقان ياش شائىرە مۇيەسسەر خەنداننىڭ «خەير خوش قۇياش» ناملىق رومانىنىمۇ قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. مۇيەسسەر رومان يېزىپلا قالماي، ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقان مۇئەللىمە. ئۇنىڭ رومانىدىكى ماھىرە بىلەن مۇھەممەد، رەيھان بىلەن ئارسلان تراگېدىيەسى يۈرىكىمنى ئېزىپ ئۆتتى. چوشقىلارنىڭ تاپىنىدا چەيلەنگەن گۈللەرنىڭ ھەددى ھېسابى يوق؛ دۈشمەندىن قىساس ئالالماي كۆزلىرى ئوچۇق كەتكەن يىگىتلەرنىڭ سانى يوق. ئەنە شۇلار بىزدىن شۇنچە يىراق بولۇشىغا قارىماي يۈرىكىمىزنى پۇچۇلاپ ، قىساسكار روھىمىزنى ئۇرغىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇلار كۆرگەن كۈننى كۆرمىدۇق، ئۇلار تارتقان دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرمىدۇق. ئۇلارنىڭ خورلۇق ئازابىدىن قانغا تولغان كۆزلىرىنى، غەزەبتىن پارتىلاپ ۋۇجۇدىغا پاتماي قالغان، ئەمما چىقىرىشقا ئامال بولمىغان قىساس ئوتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالمىدۇق. ئۇلارنىڭ ئاھۇ زارىنى، نالە-پەريادىنى بىلگۈچى ئاللاھ، ئۇلارغا بىردىنبىر تەسەللىي ۋە كۈچ-مادار بولدى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىشىگە، ئۆلۈم ئارقىلىق بۇ قىيناقتىكى جاننى ئارام تاپقۇزۇشنى ئارزۇ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەقىقەتتە بىز (چەت ئەلگە چىقىۋالغانلار)، بېشىمىزغا كېلىدىغان پالاكەتتىن ئامان قالالىغانلار، تۈرمە-لاگېردىكى ھايات، قىيىن-قىستاق ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمىز.

جاللات شېڭ شىسەي زامانىدىكى تۈرلۈك قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن ئىبلىس ماۋ ۋە  قانخور شى دەۋرىدىكى قىيىن-قىستاق شەكىللىرى تامامەن ئوخشاش. ماھىيەتتە ھەممىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۇڭگۇزلار، ئۇلار زېمىنىمىزغا ئاياغ باسقاندىن باشلاپ ھەممىنى چەيلەپ ۋەيران قىلدى، جەننەت ماكاننى جەھەننەمگە ئايلاندۇردى، گۈزەل يۈزلۈك، پاك قەلبلىك ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقاتتى. ھۆرلۈك شۇ قەدەر غايىۋى نەرسىگە ئايلاندىكى، جان بەرمىگىچە يەتكىلى بولمايدىغان جانانغا، ئۆلمىگىچە كىرگىلى بولمايدىغان جەننەتكە ئايلاندى.

چۈش كۆرۈپ ياشاۋاتىمىز، قاباھەتلىك چۈشلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. روماندا نەقىل ئېلىنغان مىسرالاردەك، «جۇدالىق خەنجىرى بىرلە يۈرىكىم چاك-چاك بولدى، يۈرەكىم زەخمىنى بىدەرتلەرگە كۆرسىتىپ بولماس».

بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۆمۈر، قىسمەت، كەچمىش تۇيغۇ، ئارزۇ، ئازاب، ئارمان ھەممىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ، ھەر كىم ئۆز ھاياتىنى ياشايدۇ، بىر ياستۇققا باش قويغان جۈپلەرمۇ ئايرىم چۈشلەرنى كۆرىدۇ.  ئۆزگىلەرنىڭ دەردىگە يىغلايمىزۇ، كۆزىمىز ياش بولغان بىلەن باغرىمىز قان ئەمەس. بۇنداق بولۇشى ئۈچۈن شۇ دەرتلەرنى تارتىش كېرەك. ئۆزگىلەرنىڭ بەختىگە ھەۋەسلىنىمىزۇ، بۇ ھەۋەسنىڭ ھەسەدكە ئايلىنىش خەۋپى بار. ئىشقىلىپ، ئۇلاردەك خۇش بولالمايمىز. چۈنكى ئۇ خوشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ھېچقانداق بەدەل تۆلىمىگەن.

مەن يېقىندا يەنە زۇلپىقار بارات ئۆز باش تەرجىمە قىلغان «جان قوزام» دېگەن روماننى ئوقۇدۇم. روماننىڭ ئاپتورى تونى موررىسون 1993-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ «سۇلايمان ناخشىسى» دېگەن رومانىنى خىتايچىدىن ئوقۇغان، شۇ چاغدىكى خىتايچە سەۋىيەم تۆۋەنمۇ ياكى مېنىڭ ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك رومانلارنى چۈشىنىش قابىلىيىتىم تۆۋەنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇ روماننىڭ ھېچنېمىسى ئېسىمدە قالماپتۇ. «جان قوزام» نى ئوقۇپ، بۇ يازغۇچىنى قايتا چۈشەندىم.

 بۇ روماندا،  «تېرىسى يوقلار»نىڭ (ئاق تەنلىكلەرنىڭ) زۇلۇمىدىن قىزىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ قىزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەن سېس (قارا تەنلىك ئايال) قىزىنىڭ ئەرۋاھى بىلەن ئۇچرىشىدۇ؛ قىزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ، 124-نومۇرلۇق ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشايدۇ؛ قىز ۋايىغا يېتىپ گۈزەللەشكەنچە سېس سولىشىپ تۈگىشىپ كېتىدۇ. روماندا يېزىلغىنىدەك، 1864-يىللاردىن كېيىنمۇ قۇللۇقتىن قۇتۇلالمىغان،  كۆيۈپ ئۆلگەن، دارغا ئېسىلىپ ئۆلگەن، باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئۆلگەن، ئېشەكتەك ئىشلەپ چارچاپ ئۆلگەن، قۇللۇقتىن قېچىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلگەن نېگىرلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. ئوۋچى ئىندىيانلار بولسا قۇل بولماي، قىرىلىپ ئۆلگەن. نېگىرلار بىلەن ئىندىيانلارنى ھايۋاندەك خورلاپ ئۆلتۈرگەن ئاقلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋدلارلىرى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا تىرىشماقتا.

كانادانىڭ ئايال يازغۇچىسى ئەلىس مونرونىڭ «قاچقۇن» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى ئوقۇپ چىقىپ، داڭلىق يازغۇچى بىلەن داڭلىق تەرجىماننىڭ گۈل گۈلىگە كەلگەن ئەمگەك مېۋىسىدىن باشقىچە زوقلاندىم. ئەلىس مونرو 2013-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، «زامانىۋى ھېكايىلەرنىڭ ئۇستىسى» دەپ تەرىپلەنگەن يازغۇچى. «قاچقۇن»نى تەرجىمە قىلغان راخمان مامۇت بولسا «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»، «رەزىل يۈرەك» قاتارلىق رومانلارنى ئۇستىلىق بىلەن تەرجىمە قىلغان ئەدەبىي تەرجىمان.

«قاچقۇن» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى 10 غا يېقىن ھېكايىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئۈچ ھېكايە بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ. «قاچقۇن» دېگەن ھېكايىدە، بىر ئايالنىڭ گېپىگە كىرىپ، ئېرىدىن ئايرىلىشنى تۇيۇقسىز قارار قىلغان، ئارقىدىن يېرىم يولدا ئارقىسىغا يانغان بىر قىزنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. بىر-بىرىگە باغلىنىدىغان ئىككىنچى ھېكايىدە، توي قىلمىغان قىز جۇلىيېت پويىزدا 50 ياشلىق بىر ئەرنىڭ يولدا پاراڭلىشىپ مېڭىش تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئەر پويىزنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالىدۇ. جۇلىيېت ئۇ ئەرنىڭ بېشىغا چىققاندەك ئازابلىنىپ ئۆزىنى ئەيبلەيدۇ. شۇ ئەسنادا پويىزدا ئېرىك ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئېرىك دېڭىزدا قىسقۇچ پاقا تۇتۇپ جان باقىدىغان بىرسى بولۇپ، ئاغرىقجان ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى باشقا ئاياللار بىلەن ئاشنا ئويناپ يۈرىدۇ. جۇلىيېت ئېرىكنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئىككىسىنىڭ پېنىلوپ ئىسىملىك بىر قىزى بولىدۇ، جۇلىيېت بۇ قىزىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنى كۆرگىلى بارىدۇ. دادىسى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، كۆكتات تېرىشقا ھەۋەس قىلىپ ئۆز ئالدىغا كۆكتات دۇكىنى ئاچقانىكەن. جۇلىيېت بۇ يەردە بالىلىقىنى سېغىنىدۇ، ئەمما ئۆزىگە تەۋە يەرنىڭ يەنىلا بۇ يەر ئەمەسلىكىنى بىلىپ كېتىپ قالىدۇ.  جۇلىيېت ئېرى ئېرىكنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندا ئۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن ياتقانلىقىنى بىلىپ ئەرۋاھى ئۇچىدۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ يېنىدا قالىدۇ. 18 يىلدىن كېيىن ئېرىك دېڭىزدا قازاغا يولۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، جەسىتىنى ھايۋانلار يەپ پارچىلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇنى كۆممەي، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش كېرەك بولىدۇ.  جۇلىيېت ئېرىكنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئارقىدىن قىزى پېنىلوپتىن ئايرىلىدۇ. قىزى ئۇنىڭغا 5 يىلدەك ئاتكېرىتكا يوللاپ، كەينىدىن تامامەن يوقاپ كېتىدۇ. جۇلىيېت ئۇنىڭ سەۋەبىنى قىزىنى دىنسىز مۇھىتتا تەربىيەلىگىنىدىن كۆرىدۇ، ئەمما ئېنىق سەۋەبىنى بىلەلمەيدۇ، يالغۇزلۇققا كۆنىدۇ، باشقا ئەرلەرنى تاپىدۇ، جىنسىيەت كىتابلىرىغا قىزىقىپ قالىدۇ، تېلىۋىزور پروگراممىسى ئىشلەيدىغان خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قەھۋەخانىدا ئىشلەيدۇ. ئاخىرىدا قىزىنىڭ كانادانىڭ شىمالىدا بىر يەردە باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىپ خاتىرجەم بولىدۇ، ئۇنى ئىزدىمەيدۇ، پەقەت ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇنى كۈتىدۇ.      «ئەسەبىيلىك» ناملىق ھېكايىدە، گراس ئىسىملىك 19 ياشلىق قىزنىڭ پۇتىنى تېڭىپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۇنىڭغا ماشىنا ئۆگەتكەن ۋە ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغان نىك ماشىنا ۋەقەسى بىلەن ئۆلىدۇ. نىك 35 ياشقا كىرگەن دوختۇر بولۇپ، ئايالى ۋە بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مەستلىكتە ئۆلگەنلىكى ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر سەۋەب بىلەن ئۆلىدۇ. گراسمۇ ئۆزىنى بىر قېتىممۇ سۆيۈپ باقمىغان يىگىتىدىن—نىكنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك ئىنىسىدىن ئايرىلىدۇ.

«نادامەت» ناملىق ھېكايىدە، روبىن ئىسىملىك بىر قىز كىچىك بىر شەھەرگە ئويۇن كۆرگىلى بېرىپ، ھەميانىنى يوقىتىپ قويىدۇ، قايتىدىغان پويىزغا بېلەت ئالغۇدەكمۇ پۇلى قالمايدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا بىر ئەر ئۇچراپ قېلىپ، سائەت دۇكىنىغا باشلاپ بارىدۇ، تاماق ئېتىپ مېھمان قىلىدۇ، پويىزغا بېلەت ئېلىپ بېرىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ، مېڭىش ئالدىدا ئۇنى سۆيۈۋالىدۇ. روبىن ئۇنىڭغا قايتىپ بارغان ھامان پۇلىنى سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما ئۇ ئەر «ئەگەر پۇلۇمنى بەرمەكچى بولسىڭىز كېلەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئويۇن كۆرگىلى كەلگەندە مېنى ئىزدەڭ» دەيدۇ. بۇ ئەر روبىننىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، بىر يىلدىن كېيىن ھاياجان بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ، ئەمما دۇكاندىن چىققان ئەر ئۇنى كۆرۈپ، گەپ قىلمايلا ئىشىكنى يېپىۋېتىدۇ. روبىن ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ، ئۇزۇنغىچە بۇ ئىشنى ئويلاپ بىئارام بولىدۇ. يىللار ئۆتىدۇ، روبىن ئىچ پۇشۇغىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەيدۇ،  دوختۇرخانىدىكى خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ. كېيىن دوختۇرخانىغا كەلگەن بىر ئەرنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان ئەر ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كېسەل تارىخىنى ئوقۇغاندىن كېيىن شۇ چاغدا ئىشىكنى يېپىۋەتكەن ئەرنىڭ ئۇنى سۆيگەن ئەر ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئەرنىڭ بولسا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ-دە، تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىدىن تېخىمۇ ئازابلىنىدۇ.

ئۇششاق ئىشلار بۈيۈك ئىشلاردەك ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بۇ ھېكايىلەردە تەپسىلات، تەسۋىر، دىيالوگ شۇ قەدەر تەبىئىي چىققانكى، ئوقۇرمەن ئەسلىدە ئاددىيلىق ئىچىدە ھەر دائىم بىر گۈزەللىك ۋە ۋاز كېچىلمەس نەرسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. كىمگە كۆرە ئاددىي، كىمگە كۆرە مۇرەككەپ؟ بۇمۇ بىر تېپىشماق.

مەن ئوقۇغان يەنە بىر ئېسىل رومان ئىرلاندىيەلىك يازغۇچى ئوسكار ۋايىلدنىڭ «دورىيان گرېينىڭ رەسىمى» (ئۇيغۇرچىغا «دورىيان گرېينىڭ پاجىئەسى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان) ناملىق روماندۇر. ئوسكار ۋايىلد 1800- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان، چۆچەك، شېئىر، درامما يېزىپ تونۇلغان تالانت ئىگىسى بولۇپ، «دورىيان گرېينىڭ رەسىمى» ئۇنىڭ بىردىنبىر رومانى ئىكەن. روماندىكى باش قەھرىمان دورىيان گرېي چىراي تۇرقىنىڭ دائىم ياش تۇرۇشىنى تىلەپ، رۇھىنىڭ گۈزەل تۇرۇشىنى تىلىمەيدۇ، ياش ۋە ساھىبجامال قىزنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدۇ، بۇزۇقچىلىققا پاتىدۇ، رەسىمدە ئەكس ئەتكەن روھى بەدبەشىرە سىياققا كىرىدۇ. ئارقىدىن بۇ رەسىمنى سىزغان رەسسامنى ئۆلتۈرىدۇ، ساھىبجامال قىزنىڭ ئاكىسىنىڭ قىساس ئېلىشىدىنمۇ قۇتۇلىدۇ. ئەمما روھى ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ، بەدبەشىرە رەسىمىدىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ ئۇنى بۇزىۋېتىش ئۈچۈن پىچاق سانچىغاندا، ئۆزىگە، ئۆز جېنىغا قەست قىلغىنىنى تۇيمايلا قالىدۇ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن رەسىمى قايتىدىن ئۇنىڭ كېلىشكەن يىگىت سىياقىغا كىرىدۇ. دېمەك، رۇھى بولغانغان ئىنسان ئاقىۋەتتە ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ.

ئوسكار ۋايىلدنىڭ بۇ روماندىكى ئىستېتىك دۇنياسى مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى تاشقى دۇنياغا ئىسيان كۆتۈرگەن بولۇپ، بىر دەملىك لەززەت ۋە شادلىققا بېرىلىدىغان دۇنيانى ئۇلۇغلىغان، بەچچىۋازلىق، ھەمجىنىسلىكنى قوبۇل قىلغان، ئۇنى ياشاپ باققان ۋە شۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە كىرىپ 2 يىل ياتقان، ئۇ تۈرمىدىن چىققىچە ئايالى ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. 1900-يىل ئۇ پارىژدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆلۈۋالغان، ئۆلۈش ئالدىدا تامغا «بىرىمىز بۇ دۇنيادىن كېتىشىمىز كېرەك» دەپ يازغان.

چەت ئەلنىڭ داڭلىق رومانلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىرىنى قويماي ئوقۇش، ئوقۇپ تۈگەپ كەتسە ئەسلى تىلدىكىنى ئوقۇش، تەرجىمە قىلىش كېرەكلىرىنى تەرجىمە قىلىش كېرەك، ئەمما كىم تەرجىمە قىلىدۇ، كىم ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ،  كۈن-كۈنلەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ بۇ مۇشەققەتلىك ئەمگەكنى قىلىدۇ؟ بۇ تەرجىمە بىلەن جان باققىلى بولامدۇ؟ تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلالامدۇ؟ ئۇنىڭغا كىم پۇل چىقىرىدۇ، ئۆزى پۇل چىقىرىپ نەشىر قىلدۇرغاندىن كېيىن كىم ئوقۇيدۇ؟ ئوقۇيدىغانلار قانچىلىك؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى سوئال. ئىشىمىز تەس، بۇ ئىشقا غايەت زور ئىشتىياق ۋە چىدامچانلىق كېرەك، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان مۇشەققەتلىك ئەمگەككە بەل باغلاپ كىرىشىمىز كېرەك.  بۇ بىزدىن يېڭىلمەس ئىرادە ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنۇمۇ كۆرەپبېقىڭ
Close
Back to top button