ماقالە

سەنئەتكە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ئۆزىگە بولغان دۈشمەنلىك

بىر يىلى ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن ئاۋۋال بىر مۇنچە جەڭگى جېدەللەر بولدى . بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە تۇيۇقسىز قارشى چىقىپ، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۇلغايتقانلار «قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانغان، كۆزى ھەقىقەتتىن باشقىنى كۆرمەيدىغانلار» بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئاڭلىتىشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى نامايىشتا شوئار توۋلاشمىش، «ئۇيغۇرغا ھۆرلۈك، زالىملار ئۈچۈن ياشىسۇن جەھەننەم!» دېگەندەك شوئارلاردىن باشقىسى تېتىمايمىش؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاھۇ زاردىن باشقىسىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ، ۋەتەندە زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان خەلقنىڭ «بار ئويۇننى سىز ئويناڭ، دەردىڭىزنى مەن تارتاي» دېگەن نىدالىرىنى ئاڭلىماسلىق غەپلەت، ھەتتا خائىنلىق بولارمىش . ئۇلار تەقۋالىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، مۇبارەك رامىزانغا ناخشا-ئۇسۇل بىلەن كىرىش، گويا ئىپتارلىقتا ھاراق بىلەن ئېغىز ئاچقانغا تەڭ بولارمىش… ئۇلارنىڭ نەزەرىدە سەنئەتچىلەر ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئۆز ھالىنى ئويلىمايدىغان، جاھاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز، ئۆزىگە مەستانە بىر توپ بىغەملەر بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق خەير-ساخاۋەت قىلماقچى بولۇشى، ھارام مالنى سەدىقە قىلغانلىق بولارمىش.

 نىھايەت، سەنئەتچىلەر تەن بەرمىدى، پائالىيىتىنى توردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.  سەرسان سەرگەردانلىقتا قۇرۇلغان بىر ئۆمەكنىڭ مۇقامىنى ئاڭلاش باشقىچە تۇيۇلدى. مۇقام ئەمەلىيەتتە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىختىن يېتىپ كەلگەن ئىزگۈ كۈيلىرى، قايغۇلۇق مۇقەددىمە بىلەن باشلىنىپ شادىيانە داستان ۋە مەرغۇل بىلەن تاماملىنىدۇ. قايغۇدىن شادلىققا ئىنتىلىش گويا قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئىنتىلگەندەك تەبىئىي ئىشتۇر، ئەجدادلىرىمىز مۇقامىنمۇ ئاشۇنداق ياڭرىتىپ كەلگەن، «ھەر مۈشكۈلدىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار» دېگەن ئايەتنىمۇ ئوقۇپ ئۈمىدلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىر-بىرىگە تاقىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق.

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر بوۋاي ساتار چېلىپ مۇقام توۋلاۋاتسا، قېنى قىززىق بىرسى «بۇ نېمەڭ تەيپىنەم ۋاقتىدىن بېرى خەلقنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ، كۈرەش روھىنى سۇندۇرۇپ كەلدى!» دەپ ساتارنى تارتىۋېلىپ، يەرگە ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋەتكەنمىش. ھازىرمۇ «دۇتار-تەمبۇر چالىۋېرەمدۇق؟ قولغا قورال ئېلىپ جىھاد قىلمايمىزمۇ؟»دەپ توۋلايدىغانلار پات-پات چىقىپ قالىدۇ. تارىختىن بېرى تالاي ئىشلار بىر-بىرىنى قايتىلاپ كەلدى.

بىزلەرنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىمىز خىتاي مەپكۇرىسى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. خىتاي خەلقى خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ رامكىسىدىن چىقالمايدۇ، بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-مۇزىكىغا ماھىر» دېگەن بولسا، كېيىن« ئوغرى، يانچۇقچى، كاۋاپچى ياكى تېررورىست » دەپ ئۆچ كۆرىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە جاھان كۆرگەن، سەنئەتتىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە ئايانكى، ئۇيغۇرلاردا سەنئەت ئۇنچىلىك تەرەققىي قىلغان ئەمەس، تۈركىيەنى قويۇپ تۇرايلى، ئۆزبېكىستانغا سېلىشتۇرغاندىمۇ بىز خېلىلا كەينىدە. مەرھۇم مەھمۇد سۇلايماننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «بىزدە سەنئەتچى كۆپ، سەنئەتكار ئاز».

 ئەلۋەتتە سەنئەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنمۇ مۇستەقىللىق ، ئازراق بولسىمۇ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتنى جانلاندۇرىدىغان مۇھىت كېرەك. سەنئەتكارلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن يەنىلا سەنئەتچىلەر قوشۇنى بولۇشى كېرەك. كېيىنكى يىللاردا كۆردۇقكى، مۇزىكانتلىرىمىز، سازەندىلىرىمىز تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ سەنئىتىدىن، بولۇپمۇ مۇزىكا ئورۇنلاش، ئاكوردلاشتۇرۇش جەھەتتىن خېلى نەرسە ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا يېڭى مۇڭ، كۈي، پۇراق قېتىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستاندا چېلىنىدىغان سازلارنى ئېلىپ كىردى.

يۇتۇب قاناللىرىدا چىقىۋاتقان پروگراممىلار ۋە ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ چېكىلىش قېتىم سانىدىن بىلگىلى بولىدۇكى، مەيلى ۋەتەندە زۇلۇم كۈچىيىپ، چەت ئەلدىكى نامايىشلار، شوئارلار ئەۋجىگە چىققان يىللاردا بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا بولسۇن، ناخشا-مۇزىكىلىرىمىز داۋاملىق تارقىلىپ، ھەمبەھىرلىنىپ تۇردى.  ۋەتەن ھەسرىتىنى بېسىش ئۈچۈن ھەركىم ئۆزىگە يارىشا نېسىۋە ئېلىپ، روھىدىكى غەلياننى بېسىقتۇرۇپ كەلدى. سەنئەنىڭ گۈزەل كۆزىنى سەتەڭنىڭ كۆزىگە ئوخشىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدىغانلار ئۆز دۇنياسىدا قىرائەت، دۇئا-تىلاۋەت، نەشىد ئاڭلاپ روھىي ئوزۇق ئالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىلەر ئۇنىڭدىن، بەزىلەر بۇنىڭدىن، بەزىلەر ھەر ئىككىسىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئالىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسى رەڭگا رەڭ، كۆپ خىلدۇر.

ئەل بادى ( ھەر نەرسىنى يېڭىدىن ياراتقۇچى) بولغان ئاللاھ بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى ئىنساننى ياراتقىنى يوق. بىر ئىنساندا ھەم ئىككى يۈرەكنى ياراتقىنى يوق. ئەمما بىر يۈرەككە ئالەمچە مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتنى سىغدۇرغان.  «قەلب» توختىماي ئۆزگىرىدىغان نەرسە دېگەننى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ، ئۇنىڭدىن «ئىنقىلاب» دېگەن سۆز تۈرلەنگەن.  سەنئەت قەلبتىكى ئاشۇ غەلياننى، توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇشتا، رۇھنى تىنچلاندۇرۇشتا، غەزەب، ئۆچمەنلىك ۋە شەھۋەت ئوتىنى بېسىقتۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. پىسخولوگىيەدە بۇ ئىسپاتلانغان نەرسىلەر. ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادا دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان كاززاب مەلئۇنلار، مەمەدان يالغانچىلار بولغىنىدەك، سەنئەت تونىغا ئورىنىۋالغان ھاياسىز مەخلۇقلار ۋە بىمەنىلىكنى سەنئەت دەپ بازارغا سالىدىغان دورامچى مايمۇنلار مەۋجۇت. بۇلارنى ئايرىشنى بىلىش كېرەك، سەنئەتتىن زوقلىنىش ئۈچۈنمۇ بىلىم، ساپا كېرەك.

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى ئومۇمەن ساغلام سەنئەت، مۇقام تېكىستلىرىدىكى، خەلق ناخشىلىرىدىكى «يار» دېگەن ئاتالغۇنىڭ «ئىشق-مۇھەببەت» مەنىسىدىن باشقا يەنە كۆپ قاتلاملىق مەنىلىرى بار. بۇنى تېكىستشۇناسلار تالاي رەت شەرھلەپ بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى ناھايىتى چوڭ خەزىنە. 12 مۇقام ۋە 30 يەرلىك مەشرەپ ۋىدىيولىرى نەشىر قىلىندى، يۇتۇب قاناللىرىغا قويۇلدى، بۇلار بىباھا خەزىنە، مۇھاجىرەتتە  ئۇلارنى تېخىمۇ قەدىرلەش، ۋاقتى چىقسا ئاڭلاش، كۆرۈش كېرەك. ئۇلار يىراق ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئىزگۈ مۇڭ ۋە لېرىك كۈيلەردۇر.  چەت ئەلدە بۇ مەدەنىيەتنى ئاتا مىراس ئورنىدا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ئۇيغۇرلارنى كۆپ كۆردۇم. دۇتار، تەمبۇر، ساتارلارنى ئۆزى چالالمىسىمۇ كۆك بايراق بىلەن تەڭ ئۆيىگە ئېسىپ قويىدۇ.

ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دەيدىغانلار ئاپپاق خوجا زامانىسىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولسا كېرەك. سەنئەت دۈشمەنلىرىنىڭ تارىخى جاھالەت تارىخى بىلەن ئوخشاش. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ناخشا-مۇزىكىسىغا بولغان ھېسسىياتىمۇ مۇرەككەپ جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن، مۇھەببەت ۋە نەپرىتى ئادەمگە بېقىپ پەرقلىق بولغان، نەتىجىدە تالاي زىددىيەتلەر، خۇسۇمەتلەر پەيدا بولغان. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادەم قىلىشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى ئادەم قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتكەچكە ھەم بىر-بىرىنى قايىل قىلىپ بولالمىغاچقا زىددىيەت ۋە تەپرىقچىلىق قاينىمىغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەتەندىكى جېدەلنى چەت ئەلگىمۇ سۆرەپ چىقىشقان.

 «ھازىر دېگەن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان ۋاقىت ئەمەس!» دېگۈچىلەرنىڭ كاللىسىدا سەنئەت كىشىنى غەپلەتتە قويىدىغان ئويۇن-تاماشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما كىم بىلىدۇ، بۇ سەنئەتچىلەر توردا تەقۋالىقىنى پەش قىلغۇچىلاردىنمۇ بەكرەك تەقۋا بولۇشى مۇمكىن، تەقۋادارلار ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ھېساب بەرمەيدۇ، «دىنغا ھۆددىگەر پىرىم»لار بۇنى ئۆلگىچە چۈشەنمەيدۇ،سەنئەت ئەھلى كۆڭۈل ئەھلىدۇر،  ئۇلار كىشىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدۇ. ھېكمەت ساھىبلىرى ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى كەئبىدىن ئۈستۈن كۆرگەن. چۈنكى ئاللاھ ئالدىدا بىر گۇناھ قىلساڭ، ئۇ ئاللاھ بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىش، تەۋبە قىلساڭ ئاللاھ كەچۈرىدۇ. ئەمما بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىڭغا ھاقارەت قىلساڭ، ئەگەر ئۇ بەندە سېنى كەچۈرمىسە قىيامەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىسەن.

ياۋروپا ئانسامبىلىدىكى سەنئەتچىلەر تورغا چىقىپ شالىنى ئېقىتمىدى، بەلكى گۈزەل كۈيلىرى بىلەن دىللارغا ھۇزۇر بەردى. شۇ غېرىب سازىنى قولتۇقلاپ چەت ئەلگە چىققانلار ئۇ سازغا نەچچە ئون يىللاپ مېھىر بەرگەن. جانسىز نەرسىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈش،  ياغاچ بىلەن سىمدىن مۇڭ چىقىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.  سەنئەتتىن ئازراق خەۋىرى بارلار بىلىدۇكى، ناخشا-مۇزىكىدىن مەخسۇس تەربىيە ئالمىغان ئادەمنىڭ بىرەر سازغا قىزىقىپ، ئۇنى ئۆگىنىپ، كۆپچىلىككە تەقدىم قىلالىغۇدەك سەۋىيەگە كەلتۈرۈپ چېلىشىغا نەچچە يىللار كېتىدۇ. تەمبۇردەك، راۋابتەك، گىتاردەك بىر چالغۇنى يۈرەكنى تىترەتكۈدەك چېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىللار كېتىدۇ. ناخشا ئوقۇشمۇ يۈكسەك تالانت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش.

گۈللەر ئېچىلسام دەيدۇ، بۇلبۇللار سايرىسام دەيدۇ، تاغ سۇلىرى تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شوخ ئاقسام دەيدۇ، شائىرلار ئىلھام-تەپەككۇرىنى قوشاققا قاتسام دەيدۇ، شۇنىڭدەك سەنئەتچىلەرمۇ ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلسام دەيدۇ. جاھاندا بۇنىڭدىن ئۆتە تەبئىي ئىش بولامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ھەر گىياھ، ھەر جانلىققا بەرگەن ئىقتىدارى نامايەن بولۇشى، تەبىئەت ۋە دۇنيا ئۇنىڭ بىلەن ئاۋات، رەڭگارەڭ ۋە گۈزەل بولۇشى كېرەك. مانا بۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى، يەنى بەلگە-ئالامەتلىرىدۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

بەزى تەپسىرچىلەر «نۇرغۇن ئىنسانلار بىھۇدە سۆزلەرنى سېتىۋالىدۇ» دېگەن ئايەتنى «ناخشا-مۇزىكىنى ھارام قىلغۇچى ئايەت» دەپ چۈشەندۈرگەن. مۇزىكا سېزىمى يوق، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئۆلگەن، شۇ ۋەجىدىن ناخشا-مۇزىكا بىلەن خوشى يوق موللىلار  سۆز نېمە، مۇزىكا نېمە، كۈي نېمە، مۇڭ نېمە، چۈشەنمىگەنلىكى، قىرائەت ۋە ئەزانلاردىمۇ ئىزگۈ كۈي، ئاھاڭ بارلىقىنى ئىدراك قىلالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن «مۇزىكا ھارام، ساز چېلىش ھارام» دەپ پەتىۋا بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەقلى جايىدا ئۆلىمالار « قۇرئاندا ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دەيدىغان كەسكىن دەلىل يوق» دېگەن. داڭلىق ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ قەرداۋى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەتتا « زۆرۈر تېپىلغاندا مىللىي روھنى ئويغىتىدىغان كۈيلەرنى، مىللىي مارشلارنى ئاڭلاش ۋاجىپ» دېگەن پەتىۋانى بەرگەن.  بىزنىڭ مىللىي مارشىمىز، جۈملىدىن كۈرەش كۆسەننىڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرى، ياۋروپا ئانسامبىلى ئورۇنلىغان «ئاتلاندۇق» دېگەن ناخشا ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار ناخشىدۇر.

بىر-بىرىنى چۈشەپ، بوغۇپ قويىدىغان، شۇنچە رەڭگا رەڭ دۇنيادا بىرلا رەڭنى كۆرىدىغان، بىر يولنىلا كۆرۈۋېلىپ، «سەن نېمىشقا بۇ يولدا ماڭمايسەن، ئازغۇن!» دەپ ھاقارەتلەيدىغانلارنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش كېرەك. ئۇلار سەنئەتچىلەرنى «ئۆز مەستانىلەر» دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىمۇ ئۇچىغا چىققان ئۆز مەستانىلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى دەپ بىلىشىدۇ، ۋەزخانلىق قىلىشىدۇ،دەۋەت قىلىشتا بەسلىشىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىدە ئۇنىڭغا لايىق بىلىم، ساپا يوق؛ قوپاللىقنى ئادەت قىلىۋالغان، كۆزلىرىدىن مۇھەببەت ئەمەس، نەپرەت ياغىدۇ؛ سۆزلىرىدىن ھېكمەت ئەمەس، زەھەر تامىدۇ.  نەزەر دائىرىسى تار، سەنئەتنىڭ ئادىمىيلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدۇ، ئەتراپىدا دۈشمەنلىرى مىغىلداپ تۇرسا ئۆز ئىچىدىن دۈشمەن ئىزدەيدۇ؛ ياخشىلاردىن پۇتاق ئىزدەيدۇ، ئارقىدىن چاتاق ئىزدەيدۇ، ئېسىلىدىغان پاچاق ئىزدەيدۇ. 1000 يىللار ئاۋۋال يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنداقلارنى مىسال كەلتۈرۈپ: «ئىتتەك قاۋارلەر، چاياندەك چاقۇرلەر، قايسىسىنى ئۇراي مەن!» دەپ زارلانغانىكەن. دېمەك، بۇنداق ئىنسانلار تور دۇنياسىدا مىغىلدايدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسىنى دىن نامىدا سېسىتىشقا، چەكلەشكە، ھەتتا يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئاپئاق خوجا زامانىدىكى جاھالەت پىرلىرىدىن مىراس قالمىغاندۇ ھەر قانچە بولسا.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنۇمۇ كۆرەپبېقىڭ
Close
Back to top button