ماقالە

ئاۋازسىزلار ماڭا كۈچ بېرىدۇ

تۈركىيە يازغۇچىسى ئەلىف شەفەقنىڭ «يات دۇنيادىكى 10 مىنۇت 38 سېكونت» ناملىق رومانى 2022-يىل «بوك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەلىف شەفەق بۇ سۆھبەتتە ئۆزىگە ئىلھام بەرگەن يازغۇچىلار، يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاشكارىلاپ يېزىش ھەمدە ئۆزىنىڭ «ئەسەبىي» يېزىقچىلىق ئادەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

مۇخبىر: كىچىك ۋاقتىڭىزدا ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان بىرەر كىتاب ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز، ئۇنىڭ نەرى سىزنى جەلپ قىلغان ھەم كاللىڭىزدىن چىقمىغان؟

ئەلىف شەپەق: «ئىككى شەھەر خاتىرىسى». ئۇ يىلى يازدا مومام مېنى ئىزمىرغا ئېلىپ بارغانىدى، مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە قالدىم. شۇ قېتىم ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن دادامنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. شۇ يىلدىكى ياز ماڭا ناتونۇش، ھەسرەتلىك تۇيۇلدى، غېرىبسىندىم. ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە، شۇ يىلى ئۇ كىتاب تۈركچە رەسىملىك رومان بولۇپ نەشىر قىلىنغانىدى. بۇ كىتاب چارلىز دىككىنىسنىڭ مەن ئوقۇغان تۇنجى رومانى ئىدى. كىتاب مېنى ھەيران قالدۇردى، پۈتۈن ياز بويىچە ئۇ كىتابنى يېنىشلاپ ئوقۇدۇم. كىتابتىكى رەسىملەر—قالپاقلار، ئۆيلەر، ھاراق تۇڭلىرى، مويتۇڭزا (كاللا كېسىش سۇپىسى) قاتارلىقلارنى بىر باشتىن بوياپ چىقتىم. چارلىز دىككىنىس مېنىڭ دوستۇمغا ئايلاندى.

مۇخبىر: ئۆزىڭىز شۇنىڭدەك يازغۇچى بولىمەن دەپ ئويلىغان بىر يازغۇچىنىڭ كىتابىنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟ ئۇ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە قانداق ئىلھام بەردى، يازغۇچىلىق ئۇسلۇبىڭىزغا ياكى غايىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

ئەلىف شەفەق: سېرۋانتىسنىڭ «دونكىخوت» رومانى. ئۇ رومان يۈرىكىمنى زىل-زىلىگە سالدى، ماڭا ئىلھام بەردى ۋە مېنى ئۆزگەرتتى. ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھرىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا مەن تېخى ئون نەچچە ياشلىق قىز ئىدىم. مەن ئوتتۇرا شەرق، بالقان يېرىم ئارىلى، كىچىك ئاسىيا چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ۋەقەلىكلەر يېيىلغان ھالقا شەكلىدە ماڭىدۇ. مەن «دونكىخوت»نى ئوقۇغىنىمدا، روماننىڭ بىر خىل قۇرۇلما ماھارىتى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان رەسىم ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم بايقىدىم. بۇ ئىجادىي قۇرۇلمىدا يومۇردىن تارتىپ دەرد-ئەلەمگىچە كۆپ قاتلاملىق ھېسسىيات بار ئىدى؛ ۋەقەلىكلەر باغلانما تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى، دادىللىق، بىلىم-تەجرىبە ۋە بىۋاسىتە سېزىمگە تايىنىش ئۇسۇلى بويىچە بايان قىلىنغانىدى. بۇ كىتاب ھەقىقەتەن ئادەمنى كىتابخۇمار قىلىۋېتىدىغان، كىشىگە جاسارەت بېغىشلايدىغان كىتاب ئىدى! مەن ئۆمرۈمنىڭ ھەر پەسلىدە «دونكىخوت»نى قايتىلاپ ئوقۇدۇم، ھەر قېتىمدا ئوخشىمىغان تەسىرات ئالدىم. ئۇ مېنى ئۆزگەرتىپ يازغۇچى قىلدى؛ ئەمما ئالدى بىلەن مەندەك بىر ئوقۇرمەننى ئۆزگەرتتى.

مۇخبىر: سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رومان قايسى؟ ئۇ سىزدە قانداق تەسىرات قالدۇرغان؟ يېقىندا سىز ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

ئەلىف شەپەق: مەن يەنە ئىككى روماننى تىلغا ئېلىشىم كېرەك. بىرسى ۋىرجىنىيە ۋولفنىڭ «ئورلاندو» ناملىق رومانى، ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. مەن بۇ روماننى ئوقۇشتىن ئىلگىرى يازغۇچىلارنىڭ بۇنداق تەۋەككۇلچىلىك قىلالايدىغانلىقى، زامان، ماكان، مەدەنىيەت، سالاھىيەت ۋە ئەسلىمىدىن ھالقىغان ھېكايىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلىقىنى ئۇقمايتتىم. بۇ كىتاب سۇدەك راۋان ئاقاتتى، بىر نىشانغا ماڭاتتى، بىر نەرسىنى ئىزدەيتتى. بۇ كىتاب ماڭا كۈچلۈك ئەركىنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر كىتاب دوستويىۋىسكىنىڭ « ئاكا-ئىنى كارمازوفلار» ناملىق رومانى. ئۇ كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە پەلەسەپەگە تويۇنغان، ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئىدىيە بىلەن قەلبنى بىرلەشتۈرگەن بىر رومان. ئۇ يەنە شۇ زاماندىكى ۋە بۈگۈنكى قىيىن تېمىلار بولغان دىن، شەك-شۈبھە، ئەخلاق، ئەركىن ئىرادە، تارىخ، ئائىلە، شەخسىي ۋە مىللىي كىملىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېما قىلغان. مەن دوستويىۋىسكىنىڭ ئىككى قەھرىمانىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىك قۇرۇلمىسى، بىر-بىرىگە باغلانغان ۋەقەلىكى، تاق لىنىيە بويىچە ھېكايە بايان قىلمايدىغان ئالاھىدىلىكىنى ياخشى كۆرىمەن.

مۇخبىر: سىزنىڭ «يات دۇنيادىكى 10 مىنۇت 38 سېكونت» ناملىق رومانىڭىز 2019-يىل «بوك مۇكاپاتى» نامزاتىغا كىردى. سىز بۇ روماننى ئىستانبۇلدىكى بىر پاھىشەنىڭ ئۆلۈمى ۋەقەسىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان ئىكەنسىز.  بۇ ۋەقەنى رومان قىلىپ يېزىشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولدى؟ سىز نېمىشقا دائىم جەمئىيەتتىكى «تاشلاندۇق» ئادەملەرنى تېما قىلىپ يازىسىز؟

ئەلىف شەپەق: مەن يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەقەلىككە ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىشقىلا ئەمەس، سۈكۈتتە قالغان دۇنياغا، جەمئىيەتتە ئاۋازىنى چىقىرالمىغانلارغىمۇ دىققەت قىلىمەن. مېنىڭ مەلۇم ۋاقتىم ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن ئۆتىدۇ. مەن ئىستانبۇلدىكى «غېرىبلار مازارلىقى» دەيدىغان بىر قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغان، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ مازارلىقتا قەبرىلەر كۆپىيىپ، مازارلىق چوڭىيىپ كەتتى. جەمئىيەتتە قېقىلىپ-سوقۇلغان ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن ھېچقانداق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەيلا بۇ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە پاھىشىلەر، ئەيدىز كېسىلى بولۇپ ئۆلگەنلەر، ئۆلۈۋالغۇچىلار، ياۋروپاغا ئۆتىمىز دەپ ئۆتەلمىگەن مۇساپىرلار بار، ئۇلارنىڭ قەبرە تېشىدا ئىسمى يوق، پەقەت سانى بار. بۇ يەردە ئادەملەر سانغا ئايلانغان، ھېكايىلىرى ئۇنتۇلغان. مەن شۇ قەبرە تاشلىرىدىن خالىغان بىرنى ئۆرۈپ، ساندىن بىرنى تاللاپ ئىسىم قويدۇم، ھېكايىسىنى بايان قىلدىم، بۇ ھېكايە بىر دوستۇمنىڭ، قېرىندىشىمنىڭ، ھېچ بولمىغاندا بىر ئىنساننىڭ ھېكايىسى بولسۇن دېدىم.

مۇخبىر: بۇ رومان كىشىلىك ھوقۇق، ئەرلەر ۋە ئاياللار، جىنسىيەت ۋە چەتكە قېقىلىش دېگەندەك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن. سىزچە بۇ روماننىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولى نېمە؟

ئەلىف شەپەق: ھېكايە بايان قىلىش سەنئىتى دىققەت سىرتىدىكى ئىشلارنى دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كىرىش، خەق كۆرمىگەن ئىشلارنى خەققە كۆرسىتىش، خەق ئاڭلىمىغان ئىشلارنى خەققە ئاڭلىتىش سەنئىتىدۇر. مەن ئادەملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنتۇغاق بولۇپ قالغان بىر دۆلەتتىن كەلدىم. تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن ۋە مول تارىخى بار، ئەمما بۇ تارىخ كۈچلۈك ئەسلىمىگە ئايلىنالمىدى؛ دەل ئەكسىچە، بۇ تارىخ تەلىماتلاشقان ۋە ئەنئەنىلەشكەن تارىخ بولۇپ قالدى. بۇ تارىختا ئاياللارنىڭ ئەمەس، ئەرلەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ؛ نامرات ۋە قارا تۈرك ئەرلەرنىڭ ئەمەس، باي ۋە ھوقۇقدار ئەرلەرنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ. سىز بۇ ھېكايىنى كىم بايان قىلىۋاتىدۇ، كىملەرگە ھېكايە سۆزلەشكە يول قويۇلمايۋاتىدۇ دەپ سوئال قويغىنىڭىزدا، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىشىگە مەلۇم بولمىغان ھېكايىلەرگە—ئاياللارنىڭ ھېكايىسىگە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېكايىسىگە، ئاسانلا يوق قىلىۋېتىلىگەن ۋە ئۇنتۇلدۇرۇلغان ھېكايىلەرگە قىزىقىمەن. بۇلارمۇ ئاسان چېقىلغىلى بولىدىغان تېمىلار ئەمەس، سىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقاندا تولا ھۇجۇمغا ئۇچرايسىز. ھالبۇكى رومان ھەممىگە چېتىلىدىغان، كۆپ مەنبەلىك، مۇرەككەپ ۋە ھېسداشلىققا باي ئەدەبىي ژانېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاشۇ ئىنسانلارغا، سەرسان-سەرگەردانلارغا ئۆي ۋە پاناھگاھ بولالايدۇ.

مۇخبىر:  «يات دۇنيادىكى 10 مىنۇت 38 سېكونت»  رومانىڭىزدا ماكان مۇھىم رول ئوينىغان، سىز ئىستانبۇلنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئۇ يەردىكى مەنزىرە، ئاۋاز ۋە پۇراقلارنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىپسىز. ئەسەرلىرىڭىزدىكى بۇنداق كۈچلۈك ماكان تۇيغۇسى سىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟

ئەلىف شەپەق: ماكان مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئۆزەم بىر مۇساپىر يازغۇچى بولغاچقا، تەۋەلىك تۇيغۇسى مەسىلىسى كاللامدىن كەتمەيدۇ. يىلتىزىدىن يۇلىۋېتىش ياكى قۇرىتىۋېتىش، يىلتىزسىز قېلىش، ئارقىدىن يەنە يىلتىز تارتىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىزنى بىر بۇلۇڭ، تۆت كۇلۇڭغا سىغداپ قويۇۋاتقان دۇنيادا بىزنىڭ يەنە قانچىلىك ئايرىم ھۇجرىمىز، مال-مۈلكىمىز بولالايدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم. كۈندىلىك ھاياتىم ماڭا شۇنى دەيدۇكى، ۋەتىنىڭدىن يىراقتا قېلىشىڭ ھەرگىز ھېسسىيات جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولغىنىڭدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەيلى نەگە بار، نەدە بول، ۋەتەن سەن بىلەن بىللە. شۇغىنىسى ئىچىمىزدە ھەسرەت ۋە غېرىبلىق تۇيغۇسى بار. ھازىر ئەنگىلىيەمۇ مېنىڭ بىر دۆلىتىم، ئىنگىلىز تىلىمۇ مېنىڭ بىر تىلىم بولۇپ قالدى؛ تۈركچىدىن باشقا، ئىنگىلىز تىلىدىمۇ رومان يازىمەن. شۇڭا مېنىڭ ماكان، تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە يىلتىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم مۇرەككەپ.

مۇخبىر: ئوبزۇرچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىر قانچە ئەسىرىڭىزدىن سېھرىي رىئالىزمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقاپتۇ. سىزنى بۇ ئۇسلۇبتا يېزىشقا نېمىلەر قىزىقتۇردى؟ قايسى سېھرىي رىئالىزملىق يازغۇچىلار سىزگە تەسىر كۆرسەتتى؟

ئەلىف شەپەق: مەن گارسىيە ماركۇس، تونى موررىسون، بورخىس دېگەندەك سېھرىي رىئالىزم ئۇستىلىرىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيمەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. يەنە بىر جەھەتتىن، مەن بۇ ئەدەبىيات ئېقىمىغا سوئال قويۇش كېرەك دەپ قارايمەن. بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن بۇ دۇنيادا، مەن تۇغۇلغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا، مېنى ئون نەچچە ياش ۋاقتىمغىچە بېقىپ چوڭ قىلغان مومامنىڭ ئۆيىدە  رۇھ ۋە سېھىرغا دائىر نەرسىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىن تارتىپ سىياسىي رىئاللىققا قەدەر ھەر زامان مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا مەن سېھرىي رىئالىزمنى ئالاھىدە نەرسە دەپ قارىمايمەن. ئەگەر سىز ئىستانبۇلدەك بىر شەھەردە ئۇزۇن مەزگىل ياشىسىڭىز، ھەممە نەرسىنىڭ بىر-بىرىگە قانداقچە قوشۇلۇپ، ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇ يەردە قايغۇ-ئەلەم بىلەن قىززىقچىلىق، رېئاللىق بىلەن ھالقىما رېئاللىق، سىياسەت بىلەن بىمەنىلىك شۇ قەدەر بىرلىشىپ كەتكەن. شۇڭا مەنچە، تۇرمۇش «سېھىر» بىلەن «رېئالىزم»نى ئىككىگە بۆلمەيدۇ؛ بەلكى ئۇلارنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە توختىماي بىرلەشتۈرىدۇ. بىز بەلكىم ئۇنىڭغا يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇ ئىزدىشىمىز كېرەك، ئوبزۇرچىلار بىزگە ياردەم قىلسا بولىدۇ. يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن رومانلىرىمنىڭ فولكلور (ئاغزاكى مەدەنىيەت) بىلەن يازما مەدەنىيەت، شەرق بىلەن غەرب، روھىيەت بىلەن ماددا، ھالقىما رېئاللىق بىلەن سىياسەت، يومۇر بىلەن ھەسرەت ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ، ھەر خىل ئادەم، زامان ۋە ماكاننى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، بارلىق شەيئىلەر بىلەن ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە قانداق باغلىنىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

مۇخبىر: «يات دۇنيادىكى 10 مىنۇت 38 سېكونت» ناملىق رومانىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولدىڭىز؟ سىز قانداق يېزىقچىلىق قىلىسىز؟ سىزدىمۇ بىر ياقتىن يېزىپ، بىر ياقتىن نەچچە نۇسخا سىناپ باقىدىغان ماھارەت بارمۇ؟ سىزنىڭ مۇقىم يېزىقچىلىق ئادىتىڭىز بارمۇ ياكى ئىلھام كەلگەندە ئاندىن يازامسىز؟ ئەسەر يېزىشتىن ئاۋۋال ۋەقەلىكلەر، تەپسىلاتلارنى بېكىتىۋالامسىز ياكى ئۇلار تەبىئىي ئوتتۇرىغا چىقسۇن دەمسىز؟

ئەلىف شەپەق: مەن ئەزەلدىن بىر رومانىمنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولىدىغىنىمنى بىلمەيمەن، چۈنكى ئۇلارنى قاچاندىن باشلاپ يازىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئەمما قاچان پۈتتۈرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن. بۇ رومانىمنى قاچاندىن باشلاپ كاللامدا يېزىشنى باشلىدىم دېگەنگە كەلسەك، مەن «غېرىبلار مازارلىقى» غا قىزىقىپ، يەرلىك گېزىتلارنى توپلىدىم ۋە ئۇ مازارلىققا كۆمۈلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشتىم.  مەن نېرۋا ئىلمىگە دائىر تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتاتتىم؛ شۇ جەرياندا،  ئادەم ئۆلۈپ يۈرەك سوقۇشى توختىغاندىن كېيىن مېڭىنىڭ بىر نەچچە مىنۇت ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشتىم. بۇ مېنىڭ رومانىمنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئىلھام بولدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىر قۇرۇلما بولۇپ، ئاخىرلىشىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىدۇ: بىز روماننىڭ بېشىدىلا باش قەھرىماننىڭ (پاھىشەنىڭ) ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئىستانبۇلنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر ئەخلەت تۇڭىغا تاشلانغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇنىڭ مېڭىسى يەنىلا ھەرىكەتتە ۋە  بۇ 10 مىنۇت 38 سېكونت داۋام قىلىدۇ. ئۆلگۈچى بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئەسلەيدۇ؟ ياخشى ئىشلارنى ئەسلەمدۇ، يامان ئىشلارنىمۇ؟ بۇ مەسىلە مېنى يېزىشقا ئۈندىدى ۋە ماڭا يېتەكچىلىك قىلدى. مېنىڭ ئەسەبىيرەك يېزىقچىلىق ئادىتىم بار، شۇ روماننى دەپ نەچچە ئون خاتىرە يازدىم، كۆپلىگەن تەكشۈرۈش ۋە تەتقىلاتلارنى قىلدىم. قىلىۋاتقان ئىشىمدىن گۇمانلانغان ياكى ئەنسىرىگەن چېغىمدا كەيپىياتىم تۇراقسىزلىشىدۇ، ھەسرەت تاغلىرىغا يامىشىمەن، ئەمما ھەممىنىڭ ئارقىسىدا ساپ بىر مۇھەببىتىم بار. مەن ھېكايە سۆزلەش سەنئىتىنى، رومان دېگەن بۇ نەرسىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن پەقەت رومان ئارقىلىقلا كۆپ مەنبەلىك يازغۇچى بولالايمەن، ئۆزەم بولالايمەن، ھۆر ماكانىمنى تاپالايمەن.

مۇخبىر: 2022-يىل «بوك مۇكاپاتى»نى ئېلىش مۇراسىمىدا سىز بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى نيۇيوركتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان سالمان راشىدنى تىلغا ئېلىپ، «ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆر ماكانىمىزدىن بىرىدۇر» دېگەنىدىڭىز. ئوقۇرمەنلەر، يازغۇچىلار ۋە باشقىلار بۇ بوشلۇقنى ساقلاپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

ئەلىف شەپەق: ئەدەبىيات بىزنىڭ بۇ بۆلۈنۈپ، پارچىلىنىپ كەتكەن دۇنيايىمىزنىڭ شىپاسىدۇر. رومان يازغۇچىلارغا كۆرە، «بىز ۋە ئۇلار» دەيدىغان ئىش يوق، ئايرىمىچىلىق يوق. يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنىڭ نەزەرىدە «باشقىلار» دېگىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى، ئاچا-سىڭىللىرىدۇر، مەن دېگىنىم ئۇ دېگىنىمدۇر. ئەدەبىياتنىڭ روھى دۇئالىزمنى (ئىككى مەنبەلىكنى) ئېچىپ كۆرسىتىدۇ، تەپسە تەۋرىمەسلىك ۋە پەرۋاسىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ؛ چۈشىنىش ۋە ھېسداشلىقنى پەرۋىش قىلىدۇ؛ مۇرەككەپلىك بىلەن ئىنچىكە پەرقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھۆرمەت پەيدا قىلىدۇ. دىققەتلەر چېچىلىپ، ئىستېمال تېزلىشىپ، دۇنياپەرەسلىك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بۇ دۇنيادا رومان قەدىمىمىزنى سەل ئاستىلىتىشقا، پارچە-پۇرات خاتا ئۇچۇرلارغا ئەمەس، بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىشكە ياردەم بېرىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە دېموكراتىيە زەربىگە ئۇچرىغان ھامان، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تەكشۈرۈلۈشى، ئەرز قىلىنىشى، سۈرگۈن قىلىنىشى ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىشى ھەرگىز تەساددىپىيلىق ئەمەس. بىز مۇشۇ گەپلەرنى دەۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكادىكى كۇتۇبخانىلار غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە؛ كىتابلارنى چەكلەش ۋە كىتابلارنى كىتاب جاھازىلىرىدىن چۈشۈرۈۋېتىش ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپەيمەكتە. بۇرۇن كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر «ئەنسىز جايلار»دىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار ھوقۇقى ۋە سۆز ئەركىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىش كېرەك؛ ئەمما دېموكراتىيەنى ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان «تىنچ جايلار»دىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايتتى. ئەمەلىيەتتە ھازىر «ئەنسىز جايلار» بىلەن «تىنچ جايلار» نىڭ ھېچ پەرقى قالمىدى. پولشا پەيلاسوپى زىگمونت باۋمەن ئېيتقاندەك، ھەممىمىز «ئېقىۋاتقان بىر دەۋر» دە ياشاۋاتىمىز. بىز پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج؛ بىز يەنە ئەدەبىيات مۇھىتىنى قوغداشقا، كۈتۈبخانىلارنى قوللاشقا، ئەدەبىيات بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇھتاج. بىز ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇلاردىن مەدەنىيەت ۋە سەنئەتكە مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك.

مۇخبىر: ئەڭ ئاخىرىدا سورايدىغىنىم، بوك كۇتۇبخانىسىدا يوشۇرۇن بىر خەزىنە بار دېسەك، ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە بوك مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىگەن 600 نەچچە كىتابنىڭ ئىچىدە كىشىلەر تېخى بىلمەيدىغان، ئەستايىدىل باھالانمىغان بىر كىتابنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ دېسەم سىز قايسى كىتابنى تاللايسىز، سەۋەبى نېمە؟

ئەلىف شەفەق: پېنېلوف لايىۋلىنىڭ «ئاي يولۋىسى» ناملىق كىتابى، بۇ قالتىس يېزىلغان بىر ئەسەر. ئەمما ئۇنىڭغا بەزى ئوبزۇرچىلار ياردەم بەرگەن دېيىلدى. مېنىڭچە، ئۇ ئەسەرنى بىر ئادەم يازغان، ئۇنىڭغا ياخشى باھا بېرىلىدۇ ھەم بېرىلگەن باھالار چوقۇم ئوخشىمايدۇ. بۇ رومان ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى. يېقىندا مەن بۇ روماننىڭ يېڭى نەشرىگە بېغىشلىما يېزىپ بەردىم، كۆپ يىللاردىن كېيىن ئۇنى قايتا ئوقۇدۇم، ھېكايىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە قەھرىمانلارغىلا ئەمەس، روماننىڭ تېگىدىكى يېتۈك سەنئەتكە ئاپىرىن ئېيتتىم.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button