
تۈركىستان تايمىس، 2025-يىلى 25-ئىيۇن: خىتاينىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇش تىرىشچانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان چېگرا ھالقىپ داۋاملاشماقتا. يېڭى بىر دوكلاتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك، سىڭىپ كىرىش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى. 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلقئارا تەكشۈرۈش مۇخبىرلىرى بىرلەشمىسى (ICIJ) تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ۋە ژۇرنالىست سىكىللا ئالېكچى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «خىتاي نىشانلىرى – خىتاي ئۆكتىچىلەرنى جاسۇسقا ئايلاندۇرۇپ چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەر توپىغا سىڭىپ كىردى، دائىرىلەر بولسا نائىلاج» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ قانداق قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى پايلاقچىلارغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى ۋە دىئاسپورادىكى ئەركىنلىك چاقىرىقلىرىنى قانداق باستۇرغانلىقى پاش قىلىنغان.
دوكلاتتا پاش قىلىنغان جاسۇسلاردىن بىرى بولغان گو جيەن 2017-يىلى ياۋروپادىن كەلگەن دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە ھىندىستاندا تىبەت ئەمەلدارلىرى ۋە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. گېرمانىيەدە ياشايدىغان ۋە گراژدانلىققا ئېرىشكەن گو دەسلەپتە پائالىيەتچىلەر چەمبىرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئۇنىڭ مەخپىي ئۇچۇر ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكەتكە بولغان تەلىپى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۇمان قوزغىغان. 2023-يىلى ئۇ ياش پائالىيەتچىلەرنى ھەقىقىي ئىسىم قويۇشقا قىستىغاندا گۇمان كۈچەيگەن. 2024-يىلى، گېرمانىيە دائىرىلىرى گونى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.
دوكلات ئومۇمەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چەتئەلدىكى تىبەت، خوڭكوڭ ۋە دېموكراتىيەنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارغا سىڭىپ كىرىش تىرىشچانلىقىغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، تەھدىت، پۇل ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش ۋە ئائىلىسى ئارقىلىق بېسىم قىلىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكى ئاشكارىلىغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن پايلاقچىغا: ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ ئىقرارنامىسى
ICIJ نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار سۈرگۈندىمۇ بېيجىڭنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلالمايدىكەن. ھازىر ئىستانبۇلدا يالغۇز قاماپ قويۇلغان، 60 ياشلىق توقۇمىچىلىق سودىگىرى سادىق مەمەتنىياز (Shadeke Maimaitiazezi) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 12 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىقتىن بولغان سادىق مەمەتنىياز بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ۋە تۈركىيە دائىرىلىرىنى ئۆزىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىدى دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى فاتىھ داۋۇت ئەجدەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سادىق مەمەتنىيازنىڭ بىردىنبىر جىنايىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قوغداشقا ئۇرۇنىشى ئىكەن.
سادىق مەمەتنىيازنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى بىر ساقچى ئۇنى «ئائىلەڭ بۇ يەردە» دەپ بېسىم ئىشلىتپ جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇ 2023-يىلىنىڭ بېشىدا خوڭكوڭغا قاراپ ئۇچقان ۋە بۇ يەردە ئىككى خىتاي جاسۇسى بىلەن كۆرۈشكەن. جاسۇسلار ئۇنىڭغا: «خىتاي ئىنتايىن چوڭ دۆلەت، ئەگەر بىز ئۈچۈن ئىشلىسەڭ ئەركىن بولىسەن. بولمىسا، بىز سېنى ۋە يېقىنلىرىڭنى يوقىتىمىز» دېگەن.
دائىرىلەر ئۇنىڭغا ئۆزى ھەققىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئەگەر ئۇ خىتاي ئۈچۈن ئىشلىسە، بۇ بۇيرۇقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. تۈركىيە سوتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنچە سادىق مەمەتنىيازغا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇۋالغان ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق بۇ خىزمەتكە 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ نىشانلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىل بېيجىڭ تەرىپىدىن «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە تۈركىيە سوتى بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئەجدەر سادىق مەمەتنىياز ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلارنىڭ فېيسبۇك ۋە خەۋەر مەنبەلىرى قاتارلىق ئاممىۋى مەنبەلەردىن ئېلىنغانلىقىنى ۋە مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ياپچان بولسا بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمىغان ئادەم قالمىدى» دېدى.
سىستېمىلىق سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى
بېرلىنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سادىق مەمەتنىيازنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا سىڭىپ كىرىش ۋە باشقىچە پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ پەقەت بىر تىپىك مىسالى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دىپلوماتىك خادىملىرى بىلەنلا ئۆزىنىڭ كەڭ دىئاسپوراسىنى كونترول قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چەتئەلدە كۆيۈۋاتقان بىر ئوت بار، ئۇلار زۆرۈر بولغان ئاماللار بىلەن ئۇنى ئۆچۈرمەكچى».
بۇ ئىستراتېگىيە پايلاقچىلارنى تەشكىلاتلار، مەسچىتلەر ۋە مۇساپىرلارنى قوللاش تورى ئىچىگە سىڭدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىۋىتسىيەدە يېقىندا بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى قولغا ئېلىنىپ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن – بۇ 2009-يىلدىن بۇيان بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئىككىنچى دىلو. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋىتسارىيەدە بىر ئاكادېمىكنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئادرېسى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىملىكى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ICIJ ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئاخبارات توپلاشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان سابىق سىياسىي مەھبۇس ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئېرىشكەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ساقچىلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامما ئارىسىدىكى پايلاقچىلار ئۇزۇندىن بۇيان سىستېمىلىق ئىشلىتىلمەكتە. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە،«جامائەت خەۋپسىزلىكى پايلاقچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلى» ناملىق ھۆججەتتە ئۇلار پىدائىيلار، مەخپىي ئۇچۇر بەرگۈچىلەر ۋە ساقچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەيدىغانلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان.
ICIJ تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن مەخپىي ئىچكى بىخەتەرلىك كېلىشىمنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا كومپارتىيىگە تەھدىد سالغان ھەر قانداق كىشىگە قارشى ئۆزلىرى «مەخپىي جەڭ» دەپ ئاتىغان بۇ ئىستراتېگىيەنى قوللانغان.
ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا كۈچەيگەن جاسۇسلۇق قىلىش ئەندىشىسى
ئىستانبۇلدىن بېرلىنغىچە، ستوكھولمدىن سيۇرىخقىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھازىر بىر رېئاللىققا دۇچ كەلدى – ھەتتا سۈرگۈندىمۇ ئۇلار بېيجىڭنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى نىشان قىلغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ياۋروپادا دىققەت تارتماقتا. شىۋىتسىيە دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئۈستىدىن ئىككىنچى قېتىم جاسۇسلۇق ئەرز سۇندى. ئۇ كىشى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولۇپ، سوت داۋاملاشماقتا.