ماقالە

شەمس تەبرىزى ۋە ئۇنىڭ ماقالات دېگەن ئەسىرى

مەن ئۆزەم ئەدەبىياتچى بولغاچقا، پەرھات تۇرسۇننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا  تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەبىيلەشتۈرۈلگەن شەكلى بولغاچقا،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسمى پارلاۋاتقان جالالىدىن رۇمى، ئەلشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىنىڭ سوپى تائىپىسىدىن بولۇپ، شۇنچە گۈزەل شېئىرلارنى يېزىشىغا ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىدىن ، ياقۇپ بەگنىڭ سەلتەنەت قۇرۇشىغا ئىسھاق خوجىدەك جەڭگىۋار سوپىلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور بولغانلىقىدىن، ئۇنى ئاز كەلدى دەپ بىز تىللاپ كەلگەن ئاپئاق خوجىنىڭمۇ ئانچە-مۇنچە  ئاقلىنىپ، گەنسۇ-چىڭخەيلەردە تۇڭگانلارغا كارامەت كۆرسىتىپ ئۇلارنى ئىمانغا كىرگۈزۈشتە تارىخىي تۆھپە ياراتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بولغاچقا، تەسەۋۋۇپقا چوڭقۇرلاپ باقماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەنۇ، ئۆزەمنى يەنىلا ئەدەبىياتچى ھېسابلاپ، تەتقىقاتنى  يەنىلا تەتقىقاتچىلار قىلغىنى تۈزۈك دەپ ئويلاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما كۆرۈۋاتىمىزكى، بۇ ساھەدە ئادەمگە تېتىغۇدەك، كۆڭۈل سۆيۈنگىدەك، كاللىنى غىدىقلاپ، پىكىر يوللىرىنى ئېچىپ، مەنىۋىيەتنى بېيتقۇدەك تەتقىقات نەتىجىلىرى يوق. خىلمۇ خىل پىكىر ئېقىملىرى بىلەن ئۇچراشمىغان كاللىدا بىرلا پىكىر ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئەھۋال ئېغىر بولىدۇ، ئۆزى ئوقۇغان بىرەر كىتابقا ئەسىر بولۇپ، قالتىس پىكىرلەردىن بىھۇش بولۇپ كېتىدىغان دەلتىلىك ئەۋج ئالىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىغا ئۇلارنىڭ بەك ئاددىي پىكىرلەرگە بەنت بولۇپ قالغانلىقى سەۋەب بولغان دېگەن قاراشقا قىسمەن قوشۇلىمەن، چۈنكى بىزدە بىرلا گەپنى ئاڭلىسىلا تەسىرلىنىپ، شوئار توۋلاپ چېپىپ چىقىپ كېتىدىغانلار يوق ئەمەس. سۆزۈم شاخلاپ كەتمەستە، گەپنى يىغىشتۇراي:

مىلادىيە 13- ئەسىردە شەمس تەبرىزى دېگەن مەشھۇر زات ئۆتكەن بولۇپ، جالالىدىن رۇمى ئۇنى مەنىۋى قۇياشىم دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭ تەپسىر، ھەدىس، كالام ۋە تەسەۋۋۇپ جەھەتتىكى ئىلمىگە قول قويغان.  رۇمى جالالىدىن رۇمىدەك كاتتا دىنىي ئالىمنىڭ تەسەۋۋۇپ يولىنى تۇتۇشىغا، ئاجايىپ گۈزەل شېئىرلارنى يېزىشىغا ۋە مەۋلانا تەرىقىتىنى شەكىللەندۈرۈشىدە بۇ شەخس ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. بۇ ئىككىسىنىڭ تارىختا كەم كۆرۈلىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقى تىللاردا داستان بولغان، بۇ ھەقتە نەچچە يۈز پارچە ئەسەر يېزىلغان، رومانلار نەشر قىلىنغان، تۈركىيەلىك ئايال يازغۇچى ئەلىڧ شەپەقنىڭ  2012- يىلى نەشر قىلىنغان ”ئىشق“ دېگەن رومانى بۇ ئىككى دوستنىڭ كەچمىشىگە بېغىشلانغان بولۇپ، رادى ڧىشنىڭ ”جالالىدىن رۇمى“ دېگەن رومانىدىن ياخشى يېزىلغان، ياخشى دېگىنىمدە رومانغا سىغدۇرۇلغان تەسەۋۋۇپ بىلىملىرى، تەسەۋۋۇپ ھېكايىلىرى، روماننىڭ قۇرۇلمىسى، تىلى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان، شەمس تەبرىزى ۋە جالالىدىن رۇمىغا ئائىت كىتابلار، ئىلمىي ئەسەرلەر كاتالوگىغا قارىساقلا، ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتا خېلىلا ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.    مەن بۇ روماننى ئىككى يىلدا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە سۇندۇم، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شەمس تەبرىزىنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتۇم، روماندا ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپقا دائىر قىرىق نىزامى روماندىكى ۋەقەلىك ۋە دېتالغا بىرلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنغان بولۇپ، ئارىسىغا بىر مۇنچە ھېكايەتلەر قىستۇرۇلغان. بۇنى ئوقۇغان ئادەم شەيخ سەئىدىنىڭ ”گۇلىستان“نىنى ئەسلەپ قالىدۇ، سەھىپىلىرىدىن شەرق ھېكمەتلىرى، ئەقىل ۋە ئەخلاق دۇردانىلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

كېيىنكى كۈنلەردە شەمس تەبرىزى ھەققىدە ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلىرىم روماندىكىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقتى. ئەمما ئۆلۈمى ئېنىق ئەمەسكەن. روماندا شەمس

تەبرىزى كونيادىكى جاھىل، مۇتئەسىپ كۈچلەر تەرىپىدىن قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئالتە ئادەم(ئۇنىڭ ئىچىدە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئوغلى ئالائىددىنمۇ بار) شەمس تەبرىزىنى پىچاق بىلەن قەتلى قىلىپ، قۇدۇققا تاشلىۋېتىدۇ.  بىراق مەن كۆرگەن تەتقىقات ماقالىلىرىغا قارىغاندا،  شەمس تەبرىزى بىرىنچى قېتىم كونيادىكى پىتنە-پاساتلاردىن يىرگىنىپ، جالالىدىن رۇمىنى تاشلاپ كەتكەندە جالالىدىن رۇمى ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنى دەمەشقكە ئەۋەتىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىم شەمس تەبرىزى كونيادىن ئىز-دېرەكسىز كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا جالالىدىن رۇمىنىڭ ۋە ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنىڭ ئەسەرلىرىدە چوقۇم تىلغا ئېلىنغان بولاتتىكەن، ئەمما ئۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈلمىگەن.  ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى، نەدە ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراندا ئۈچ يەردە قەبرىسى بولۇپ، بۇ قەبرە ھەققىدىمۇ خىلمۇ خىل قاراشلار مەۋجۇت.

       شەمس تەبرىزنىڭ ھەر خىل سورۇندىكى تەبلىغلىرى، مۇنازىرە بايانلىرىدىن جەملەنگەن  ”ماقالات“ ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە شەمس تەبرىزى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن:

كاتتا ئارىڧ مەلىكدادنىڭ ئوغلى مۇھەممەد شەمسىددىن تۇغۇلۇشىدىنلا بەزى ئالاھىدە سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان يۈكسەك ئىستىدات ۋە قابىلىيەت بىلەن تۇغۇلغان ۋەلىيلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىردە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا باشقا بالىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى نامايەن بولۇشقا باشلىغان. ئۇ جۇشقۇن، ھەرىكەتچان، سەزگۈر، پىكرى ئۆتكۈر، بىر نەرسىنى ئالدىن پەم قىلالايدىغان بالا بولۇپ، بۇ دەۋردىكى ھالىتىنى ئۆزى بىزگە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

   تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن چاغلىرىم ئىدى، ئىشق ۋە تەپەككۇر دەرياسىغا غەرق بولسام، ئوتتۇز، قىرىق كۈن ھېچنەرسە يېيەلمەيتتىم، ھېچنېمىگە كۆڭلۈم تارتمايتتى، كۈن-كۈنلەپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىدايتتىم. بىر كۈنى دادام ماڭا سۆزلىدى: بالام، مەن سېنىڭ بۇ ھالىڭغا ھەيران قېلىۋاتىمەن، بۇنداق كېتىۋەرسەڭ قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئىشلىرىڭ بېشىڭغا بىرەر پالاكەت تېرىيدۇ.  مەن دادامغا مۇنداق دېدىم: دادا، ئىككىمىزنىڭ دادا-بالىلىق مۇناسىۋىتىمىز نېمىگە ئوخشايدۇ، بىلەمسەن؟ بىر توخۇ ئۆزىنىڭ تۇخۇملىرىنى بېسىش بىلەن بىللە ئۆدەكنىڭ تۇخۇمىنىمۇ بىللە باسقانمىش، چۆجىلەر چىققاندا ھەممىسى ئانىسىغا ئەگىشىپ بىر كۆلنىڭ بويىغا بارغانمىش، ئۆدەك تۇخۇمىدىن چىققان چۆجە ئۆزىنى كۆلگە دەرھال ئاتقانمىش، بۇنى كۆرگەن مىكيان: ۋاي بىچارە بالام، ئەمدى سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلىدىغان بولدۇڭ! دەپ قاقاقلايمىش… ھالبۇكى ئۆدەك چۆجىسى سۇدا يايراپ ئۈزمەكتە. ئىككىمىزنىڭ پەرقى مانا شۇ.

شەمس تەبرىزى جاھانكەزدى ۋەلىي بولۇپ، ئۆمۈر بويى جاھان ئايلىنىپ يۈرگەن، بىر جايىدا كۆپ تۇرمىغان، شۇڭا تەبرىز شەھىرىدە كىشىلەر ئۇنىڭغا ”شەمسى پەرەندە“ ( ئۇچىدىغان شەمس) دەپ لەقەم قويغانىكەن. (تىلىمىزدىكى چەرەندە-پەرەندە دېگەن جۇپ سۆزدىكى چەرەندە دېگىنى يەردە ماڭىدىغان، پەرەندە دېگىنى ئۇچىدىغان جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ).

شەمس تەبرىزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزى ”ئىشق“ دېگەن روماندىمۇ ئەينەن ئېلىنغان. ئۇنىڭ جالالىدىن رۇمى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ ئاجايىپ ئىش بولۇپ، روماندا شەمس ئۆزىدىكى ئىلىم-ھېكمەتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان، ئۇنى چۈشىنىدىغان بىر زاتنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. چۈشىدە بۇ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىغا ئائىت بېشارەتلەرنى كۆرىدۇ، غايب نىدالارنى ئاڭلايدۇ. ئاپتور بۇ ۋەقەلىكنىمۇ ”ماقالات“ قا ئاساسەن يازغاندەك قىلىدۇ، ”ماقالات“ تا شەمس تەبرىزى مۇنداق دەيدۇ:

   ئاللاھقا يالۋۇردۇم، ئى رەببىم، مېنى ئۆز ۋەلىيلىرىڭ بىلەن تونۇشتۇرغىن، ئۇلارغا ھەمدەم قىلغىن، دېدىم. چۈشۈمدە: سېنى بىر ۋەلىي بىلەن ھەمدەم قىلايلى، دېگەن نىدالار كەلدى. ئۇ ۋەلىي قەيەردە؟ دەپ سورىدىم. ئەتىسى كېچە بۇ ۋەلىنىڭ رۇم دىيارىدا (ئاناتولىيەدە) ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.  مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۆرگەن چۈشۈمدە، ”بۇنىڭ تېخى ۋاقتى كەلمىدى، ھەممە ئىشنىڭ بىر ۋاقتى بار“ دېيىشتى.

شەمس تەبرىزى جالالىدىن رۇمى بىلەن تۇنجى قېتىم ھىجرىيە 642- يىلى كونيادا كۆرۈشىدۇ، باشتا ئۇ كونيادىكى شېكەرچىلەر مۇساپىرخانىسىغا چۈشۈپ، كىشىلەردىن جالالىدىن رۇمى ھەققىدە گەپ سورايدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن شەھەردىكى چوڭ جامەگە  كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شەمس تەبرىزى ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرىدۇ، بىر دەمدىن كېيىن رۇمى بىر قېچىرغا مىنىپ، شەمسكە يېقىنلاپ كېلىدۇ. يىللاردىن بۇيان بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان شەمس قېچىرنىڭ تىزگىنىگە يېپىشىپ سالام بېرىدۇ ۋە: قېنى ئېيت! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغمۇ ياكى بەيازىد بەستامىمۇ؟ دەپ سورايدۇ. رۇمى: بۇ قانداق سوئال؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇنىڭ بىلەن بەيازىد بەستامىنى قانداق سېلىشتۇرىسەن؟ دەيدۇ. شەمس: ئەمىسە نېمىشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم، بىز سېنى ھەقىقىي بىلەلمىدۇق، بىز ساڭا لايىقىدا ئىبادەت قىلالمىدۇق، دەيدۇيۇ، بەيازىد بەستامى: مېنى ئۇلۇغلاڭلار، مەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ دەپ ماختىنىدۇ؟ رۇمى بۇ سوئالنى ئاڭلاپ بىر دەم ئېسىنى يوقىتىپ، شەمسىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ مەدرىسىگە ئاپىرىدۇ، قىرىق كۈن بىر ئۆيدىن چىقماي بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. جالالىدىن رۇمىنىڭ چوڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەد ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.  يەنە بىر مەلۇماتقا كۆرە، جالالىدىن رۇمى ئۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: چۈنكى بەيازىدنىڭ ئۇسسۇزلۇقى بىر يۇتۇم سۇ بىلەن قانىدۇ-دە، سۇغا قاندىم دەيدۇ، ئۇنىڭ ئىدراك خەزىنىسى شۇ بىر يۇتۇم سۇ بىلەن تولىدۇ. قۇياشنىڭ جاھاننى يورىتىدىغان نۇرى ئۇنىڭ كىچىككىنە دېرىزىسىدىن كىرىدۇ ۋە ئۆيىنى شۇنچىلىك يورۇتالايدۇ. ئەمما مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇسسۇزلۇقى شۇ قەدەر كۈچلۈككى، ھەر دائىم ئۇسساپ تۇرىدۇ ۋە دائىم ئۇسساپ تۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋاسى ناھايىتى چوڭدۇر. شۇڭا بەيازىد ئۆزىنى ھەقىقەتكە يەتتىم دەپ قارىغان ھامان ئۇنىڭغا لىق توشۇپ كەتكەن، باشقىسىغا قارىمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ ھەقىقەتنى كۆرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالغا باسقان، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، قۇدرىتىنى، ھەر نەرسىگە ھاكىم بولۇشىنىڭ پارلىق ئالامەتلىرىنى ھەر كۈنى، ھەر سائەت كۆرگەنچە مۇھەببەت ۋە غەيرىتى ئېشىپ بارغان، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم، بىز تېخى سېنى لايىقىدا بىلەلمىدۇق، بىز ساڭا لايىقىدا ئىبادەت قىلالمىدۇق، دېگەن.  بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ شەمس تەبرىزى بىر نەرە تارتىپ يەرگە يىقىلغان.  بۇ ۋەقەلىك روماندىمۇ، ”ماقالات“تىمۇ ئاساسەن ئوخشاش.

مەن ”ماقالات“ دېگەن ئەسەرنى ئوقۇش داۋامىدا شەمس تەبرىزىنىڭ پىكرىنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈرلۈكىنى، ھەقىقەتنى ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا، ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىشقا ماھىرلىقىنى ھېس قىلدىم، ئوقۇش جەريانىدا ئۆزەم مۇھىم دەپ قارىغان يەرلەرنى تەرجىمە قىلدىم. مەن جالالىدىن رۇمىنىڭ ”ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر“ (”ئىچىدە بارى ئىچىدە“ دەپ تەرجىمە قىلغان بولسا ياخشىراق بولاتتىكەن) دېگەن ئەسىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇغان، تەرجىمىسى خېلى ياخشى چىققان، ئەمما سۇۋارى ئوقۇۋەرگەن ئادەم گاھىدا زېرىكىپ قالىدۇ، چۈنكى پىكىرلەر بەك چوڭقۇر بولۇپ كەتسە زېھىن كۆتۈرەلمەي قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھېكايىلەرنى قىستۇرۇپ قويسا، كاللىغا ئارام بولىدۇ، ئەقىل  ئۇنىڭغا قارام بولىدۇ،  ئەستە ئاسان قالىدۇ. شەمس تەبرىزى بۇنىڭغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ ھەر ئۈچ-تۆت بېتىدە بىر قىسقا ھېكايە ۋە بىرەر مەنە، ھېكمەت بار. ماقالاتنى ئوقۇغان كىشى بۇ ئەسەردىكى بەزى ھېكايىلەرنىڭ رۇمىنىڭ مەسنىۋى ھېكايىلىرىگە مەنبە بولغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.  سوپى، سوپى دېسە كەچكىچە تىللاۋەرمەي، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان، ئىمانىمىزغا بىر زەررە بولسىمۇ قۇۋۋەت، ئەخلاقىمىزغا بىر زەررە بولسىمۇ ئىلھام بولىدىغان مۇنداق نەرسىلەرنىمۇ كۆرۈپ قويغۇلۇق دەپ ئويلايمەن.

شەمسى تەبرىزىگە ئائىت نەقىللەر

كۆڭۈل ئەھلى بولغانلار كېتىپ،

ئىشق شەھىرى بوش قالدى دېمە.

جاھان شەمس تەبرىزىگە تولسىمۇ،

ئۇنى كۆرىدىغان مەۋلانا نەدە؟

 جالالىدىن رۇمىنىڭ ساما ئوينىغاندا  ئوقۇيدىغان غەزىلى:

شەمئى رۇھىغا  جىسمىمنى پەرۋانە قىلدىم،

ئەۋراكى تىلنى ئاتەشى يالقۇنغا ئاتتىم،

بىر قەترە ئىدىم، دېڭىزغا قوشۇلدۇم،

ھەسرەت يولۇمنى ۋادى ھىجرانغا توغرىلىدىم،

قارارىم يوق، دەرد-پىغانىم، ئەلىمىم بار،

مەۋلانى سۆيسەڭ، مېنى سۆزلەتمە، غېمىم بار.

سۆزۈمنى ئاڭلا، جانىم ئۆزگە ئادادۇر،

دەرۋىشكە كېرىكى ئىشقى خۇدادۇر،

ئاشىقنىڭ بارلىقى مەشۇققا پىدادۇر،

سەما شادلىقى جانغا شىپا، روھقا غىزادۇر.

ئىشق بىلەن ئەيلەيلى زەۋقى ساپانى،

كۆكلەرگە ئۆرلىسۇن كۆرەيلى ھۇ بىلەن ھەينى،

مەستانە بولۇپ چالايلى چاڭ بىلەن نەينى،

سەما شادلىقى جانغا شىپا، روھقا غىزادۇر.

ئەي سوپى، سۆھبىتىمىز كەيپى ساپادۇر،

پەيزىمىزنى سامادا كۆر، دەردكە داۋادۇر،

ھەق بىلەن رىشتىمىز ئەھدە-ۋاپادۇر،

سەما شادلىقى جانغا شىپا، روھقا غىزادۇر.

ئىشق بىلەن كېلىڭلار، تالىپ بولايلى،

زەۋق-شەۋق سۈرەيلى، كۈچلۈك بولايلى،

مەۋلاناغا كېلىڭلار، بەندە بولايلى،

ساما شادلىقى جانغا شىپا، روھقا غىزادۇر.

مېنىڭ بۇ ھەقتىكى تېمىلارنى يوللىشىم بىر كىمدىن ماختاش كۈتۈش ئەمەس، ياكى بىر كىمنىڭ بۇ ئۆگۈتلەردىن تەسىرلىنىپ ئەخلاقلىق بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىش ئەمەس، ئەمما بەك ئۈمىدسىزلىنىپمۇ كەتمەيمەن.  چۈنكى شۇنچە گەپلەرنىڭ بىرەرسىمۇ بولسىمۇ دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ قالار، كۆڭۈلۈلەرنى لەرزىگە سالار دەپ ئويلايمەن، بىزدە نۇرغۇن كىتابلار كىتاب چىقىرىش ئۈچۈنلا چىقىرىلدى، نۇرغۇن گەپلەر دەۋېلىش ئۈچۈنلا دېيىلدى، ئاڭلىغۇچىلارمۇ ئاڭلاپ قويۇش ئۈچۈن ئاڭلىدى، بىر مۇنچە ئەجىر-مېھنەت بىلەن قىلىنغان ئەمگەكلەر مۇندااقلا قاراپ ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئېتىۋارسىز تاشلىنىش بىلەن پايخان بولدى. نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارزۇ-ھەۋەس، نام-ئاتاق قوغلىشىش مەرەزلىرىگە تۇتۇلۇپ، نىيەتنىڭ خالىس، ساپ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئەخلەتكە ئايلاندى. ئەمەل-مەنسەپ، مال-دۇنيا، نام-ئاتاق يەنىلا پاھىشە قىزدەك كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ،  نەپسىمىزنىڭ شۇ ياققا ئۇچۇۋاتقىنىنى تۇيماس بولغانچە، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئاقماس بولدى ياكى نەتىجىسى زاۋاللىق بولدى، ئەتراپىمىزدىكى ئوراپ تۇرغان  بىچارىلىك، پۈچەك خىيال،  يامان ئادەتلەر، ساختا تەكەللۇپلار  بەئەينى بالا بولدى.  كۆڭۈللەر كىرلىنىپ ھېچنەرسە تەسىر قىلماس بولدى،  كۆز كۆرگەننى كۆڭۈل ھېچ توسقۇنسىز قوبۇل قىلغان ھامان ئىچكى دۇنيا كېرەكلىك ۋە كېرەكسىز ئەخلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىدىغان  ئەخلەتخانىغا ئايلاندى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، ۋىجدانىمىز چېكىنىپ، نەپسىمىزنىڭ پاسىبانىغا ئايلاندى. شەھۋەت ۋە مەغرۇرلۇق بارا-بارا كۆڭۈلگە ياقىدىغان جىمى نەرسىنىڭ ئاقلىغۇچىسىغا، ھەتتا قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭغا قارام بولۇپ بولۇپ قالساق كۆزلىرىمىز پەردىلىنىدۇ، ھېچ نەرسىنى تۇيماس بولىمىز، ئادەتلىنىمىز، شۇ بويىچە ياشايمىز ۋە ئۆلىمىز. بۇ بەكلا خەتەرلىك ھەم ئېچىنىشلىق.  ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە كاللىمىز ۋە  كۆڭلىمىز بىر مۇنچە قاتمال شوئارلار ۋە  بىر تەرەپلىمە ئۇقۇملارنىڭ چۆرىسىدە ئايلىنىپ تۇردى،  دەرسلىك، مېديا، تور، سورۇن، ۋائىزلىق… ۋاسىتىلىرى ھەقىقەتنى ئېچىش بىلەن بىرگە ھەقىقەتنى پەردىلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى. تا ھازىرغىچە ، دىن دېگەن ھامان سەللىسى يوغان موللا  ئېسىمىزگە كېلىدۇ،  سوپى دېگەن ھامان ئاپئاق خوجا ۋە قاسماق دەرۋىشلەر يادىمىزغا يېتىدۇ، ۋاھابى ياكى سەلەپى  دېگەن ھامان ساقاللىق ، سۈرلۈك ياشلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، قىزلار دېگەن ھامان مۇھەببەتتىن يىراقلىشىپ، جىنسىيەتكە كىرىپ كەتكەن بىر توپ بىچارىلەر ، ئوغۇللار دېگەن ھامان ئەركەكلىنى يوقاتقان بىر توپ زەيپانىلەر… ئېسىمىزگە كېلىدۇ، شۇنداق ئەمەس دېيەلەمدۇق؟ بىر تەرەپلىمە قاراشلار ۋە سەلبىي باھالارنىڭ ئىسكەنجىسىگە قاچاندىن بېرى چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەيلا  قالدۇق،  بىلىمدىن، تەتقىقاتتىن، ئەستايىدىللىقتىن، ئەپۇچانلىقتىن ئايرىلغان ئۇقۇملار كاللىمىزغا ھۆكۈمران بولغىلى نەۋاخ،  بىئولوگىيەلىك مېڭىمىز ئوڭ، سول مېڭە ۋە باشقا قىسىملارغا قانداق بۆلۈنگەن بولسا، ئىجتىمائىي مېڭىمىزمۇ بىر تەرەپلىمە چۈشەنچە ۋە تەرەپبازلىق رايونلىرىغا  شۇنچىلىك بۆلۈندى، بىر كىملەر بىر كىملەرنىڭ مېڭىسىدىكى شۇ رايونلارنى ئىشغال قىلىشقا تىرىشتى.  ئاللاھ تائالا بەرگەن ھىدايەت ۋە پاراسەتنى قانداق نۇرلاندۇرۇش تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى. غاپىللىق ۋە ئازغۇنلۇق بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىقتىن كېلىدۇ دېگەن گەپ ھەقىقەت ئەمەس، بۇ پەقەت مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەملەرمۇ جاھىلىيەتتىن چىقالمايلا، بىر ئۆمۈر جۆيلۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاللاھتىن ھىدايەت ، ھەقىقەت ۋە توغرا ئىلىم تەلەپ قىلىش كېرەك. ئاللاھ بۇ ئىلىمنى خالىسا بېرىدۇ، خالىمىسا بەرمەيدۇ. بۇنى بىلىشمۇ بىر ئىلىم. ئىنتىلىش ۋە غايىلەرنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئىلىمنىڭ نەتىجىسى.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنۇمۇ كۆرەپبېقىڭ
Close
Back to top button