
ھەر ئىنسان نازىل بولغان ئايەتتۇر.
بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەركىزىدە ئىنسان بار، بارلىق پاجىئەنىڭ مەركىزىدە ئىنسان بار. بالايى ئاپەت، پالاكەت، ھەر خىل مەسىلە، چاتاق-نۇقسان نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئىنسانلارنىڭ مەسىلىسى ئاللاھنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىدۇر.
ئاللاھنىڭ تەقدىرى تاللىشىمىزغا قاراپ بولىدۇ، ھەرىكىتىمىزگە قاراپ روياپقا چىقىدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە رول بەرمىگەن، بەلكى ئۇنى تارقاتقاندۇر. شۇڭا بىز تاللىغىنىمىزدىن ھېساب بېرىمىز. ئىنسان ئىمتىھانغا، ئىمتىھان ئىنسانغا يارىشىدۇ.
ھازىر ئىنسانلار مايمۇنلىشىۋاتقان دەۋردە، كۆرۈنۈش دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ، ساختىلىق ئەۋج ئالدى. دەردىڭ گۈزەل كۆرۈنۈش ئەمەس، گۈزەل بولۇش بولسۇن، كۆرۈنمەك باشقا، كۆرۈنگىنىدەك بولۇش باشقا. ئۆزىنى كۆرسىتىش سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغان ئادەم ئاللاھنىڭ «بەسىر» سۈپىتىنى ئېسىگە ئېلىشى، يەنى ئاللاھنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىسى كېرەكتۇر.
ئىنسانلارنىڭ تەشكىللىنىشى مۇنۇ ئۈچ خىل شەكىلدە كۆرۈلىدۇ:
بىرىنچى، كېمە شەكلىدىكى تەشكىلات. يولنى پەقەت كاپتان بىلىدۇ، كاپتان خاتالاشسا ھەممىسى چۆكىدۇ.
ئىككىنچى، پويىز شەكلىدىكى تەشكىلات. بىر ۋاگونغا ئەگىشىپ ھەممىسى بىرلىكتە ماڭىدۇ.
ئۈچىنچى، تېز سۈرئەتلىك يول تەشكىلاتى. ھەر ئادەم ئۆز ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ، بىر-بىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يۆنىلىش ۋە سۈرئەتنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
سىراتەل مۇستەقىم توغرا يولدۇر. ياخشىلىقتا بەسلىشىش كېرەك، بۇ پەقەت تېز سۈرئەتلىك يولدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. «بىز ھەر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق قىلدۇق»(ئايەت).
ئۆزىگە ھاكىم بولالمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ خاراكتېرى، كەمچىلىكى ۋە ئازابىنى باشقۇرالمايدۇ، ئاقىۋەت پۈچەكلىك ۋە بۇزۇقچىلىققا تولغان بىر جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئاللاھقا تەسلىمىيەت بۇ تەسلىمىيەتنى ئىجرا قىلىش، ھاياتىمىزدا ئىپادىلەش، ئىرادىمىزنى ئىشقا سېلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇ تەسلىمىيەتنى بىزگە قايتۇرىدۇ، ئىجرا قىل دەيدۇ. ئۇ بىزدىن جاھاندا يوقنىڭ ئورنىدىكى ئادەم بولۇشنى ئەمەس، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىسپاتلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىر تەرەپتە مەنمەنلىك، بىر تەرەپتە نىھلىزىم (ھېچنېمىزىم، يوقلۇق ئېقىمى)، ئىسلام بولسا «مەن»نىڭ ھەققىنى بېرىدۇ، «مەن»نىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسان شەرەپلىك مەخلۇقتۇر، «بىز ئىنساننى ئەڭ گۈزەل ئۆلچەمدە ياراتتۇق» (ئايەت). بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىنسان ئۆزىدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەت ۋە گۈزەللىكنى ئىپادىلىشى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى كېرەك. «مەن» ئۇقۇمى بۈيۈك ئامانەتتۇر، كەلىمە شاھادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر. «مەن» ئىدراكىغا يېتەلمىگەن مەنچىلىك (مەنمەنچىلىك) ئاپەتتۇر، «مەن»نىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەن ئەقىل ئامەتتۇر. مەنمەنچىلىكنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتسەڭ، دەردىڭ تۈگىمەس.
مۇئمىنلەر سۆيگۈنىڭ فائىلى، ئىجراچىسى. ئەگەر سۆيگۈنىڭ قۇلى بولساڭ، ئۇ ھالدا ئازابقا دۇچار بولىسەن. مىجەز ۋە ھېسسىياتتا دۇرۇس، ئۆلچەملىك بولۇش تەس، ئەمما ئۇ تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر بىر نەرسىنى زىيادە ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭ بىلەن سىنىلىسەن. ھەر نەرسىنى جايىغا قويۇش، ھەر نەرسىگە شۇنىڭغا لايىق ھەق بېرىش لازىم.
كامىل ئىنسان بىلەن مۇكەممەل ئىنسان ئارىسىدا چوڭ پەرق بار. كامىللىق داۋاملىشىۋاتقان ئارتۇقچىلىقنى، مۇكەممەللىك بولسا ئاخىرلاشقان ئارتۇقچىلىقنى بىلدۈرىدۇ. مۇكەممەللىك ئىنسانغا ئەمەس، ئاللاھقا خاستۇر.
بالىلارنىڭ روھى چوڭلارنىڭ روھىغا ئوخشاش روھلاردۇر، ئەمما خام روھلاردۇر. دۇنيادا پىشىپ يېتىلمىگەن ئىنسانلار بار، ئۇلار خام ئەرۋاھتۇر. پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن زورلىنىش، مۇشەققەتتىن قاچماسلىق كېرەك. مۇسۇلمانلار نەتىجە ئۈچۈن ئەمەس، جەريان ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
مۇكەمەللىك سەۋداسى شەيتانىي سەۋدادۇر. ھەقىقىي ئىنسان قۇسۇرلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاجىزلىقلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن ئىچى سىقىلمايدىغان ئىنساندۇر. ئەڭ چوڭ نۇقسان ئۆزىنى نۇقسانسىز كۆرمەكتۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئىبلىسمۇ ئاسىي، ئادەممۇ ئاسىي بولغانىدى. بىراق ئىبلىس خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئۆزىنى قۇسۇرسىز كۆردى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، گۇناھكار بولدى. ئادەم بولسا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئاجىزلىقىنى كۆردى، تەۋبە قىلدى، رەھمەتكە ئېرىشتى.
قەلب مۇھاپىزەتچىسى بول، ئىچىڭدىكى شەيتاننى توس. دەردى دۇنيا بولغاننىڭ دۇنيادەك دەردى بولىدۇ؛ دەردى ئىمان بولغاننىڭ دۇنياۋى دەردى ئاز بولىدۇ. ئەگەر مەقسىتىڭ ئاللاھ بولسا، تەلىۋىڭ ئاللاھ رىزاسى بولسا، نۇرغۇن ئىشلار مۇمكىن بولىدۇ.
مۇئمىنلەردە ئۆلۈشكە ئەرزىيدىغان دەۋا بار، ئۆلۈشكەن ئەرزىيدىغان ئىمان بار، ئۆلۈشكە ئۈلگە بولغۇدەك ئىنسان بار.
ئەگەر بۇ ئۈممەت ئىنسانىيلىقنىڭ ھەققىنى بېرەلىسە ئۆرنەك ئىنسان بولالايدۇ. ئىنسان بولۇشنىڭ شەرتى ئۆزىنى تۈزەش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.
ئۆزىنى ئۆزگەرتىش مۇنۇ 3 خىل يول بىلەن بولىدۇ:
مىجەزنى توغرا ئىزغا سېلىش، مىجەزدىن پايدىلىنىش؛
ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىش؛ ئازابلاردىن پايدىلىنىش.
كەمچىلىك ئارتۇقچىلىقنىڭ يان تەسىرىدۇر. قورقۇنچ ئىشەنچنىڭ يان تەسىرىدۇر. باشقۇرۇلغان كەمچىلىك (ئاجىزلىق) ئارتۇقچىلىققا ئايلىنىدۇ، باشقۇرۇلغان قۇسۇر يۈزدىكى چىرايلىق مەڭگە ئوخشايدۇ. ئەمما توغرا ئىزغا سالمىغان ئارتۇقچىلىق كەمچىلىككە ئايلىنىدۇ.
ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكىڭنى يوقىتالمايسەن، ئەمما پايدىلىق تەرەپكە باشلىيالايسەن. ھەسەدنى ھەۋەسكە ئايلاندۇرالىساڭ راھەت تاپىسەن. چۈنكى ھەسەد ھەسەدخورنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان بەددۇئا، ئەمما ھەسەت قىلىنغۇچىغا قىلىنغان دۇئادۇر. ھەسەد ئاللاھقا بولغان ئېتىرازدۇر، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەللىكتۇر.
ئاجىزلىقتىن قورقما، ئەمما ساڭا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋالغان ئاجىزلىقتىن قورق. شەخسىي كىبىر بولغىنىدەك، كوللېكتىپ (مىللىي) كىبىرمۇ بولىدۇ. شەخسىي ئاجىزلىق ئۆز نۆۋىتىدە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىر كىشىگە ۋابا يۇقسا، قالغانلىرىغىمۇ يۇقىدۇ.
ئاچچىق، غەزەبلىنىش كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئاجىزلىق. ھەزرىتى ئۆمەر: «ئاچچىقى يوق ئادەمنىڭ ئېشەكتىن نېمە پەرقى؟» دېگەنىكەن. ھالبۇكى، ئىنسان ياخشى كۆرگەندە ئەمەس، غەزەبلەنگەندە ئادىل بولالىشى كېرەك. باشقۇرۇلمىغان غەزەپ ئۆچ-ئاداۋەتكە، باشقۇرۇلمىغان ئۆچ-ئاداۋەت ئىنتىقامغا ئايلىنىدۇ.
قورقۇنچ ئەگەر باشقۇرۇلمىسا ئاپەتكە ئايلىنىدۇ. ئاچلىق قورقۇنچى كونترول قىلىنمىسا، ئاچكۆزلۈككە ئايلىنىدۇ. قورقۇپلا ياشىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئىشەنچ (ئىمان) ناھايىتى مۇھىم. ئاللاھقا ئىشەنگىنىڭ قەدەر مۇئمىنسەن، ئاللاھقا يۆلەنگىنىڭ قەدەر تەقۋاسەن.
ئەقىللىق مۇسۇلمان لەززەتنى (يېمەك ۋە شەھۋەتنى) كونترول قىلىپ، ئۇنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئاللاھنىڭ «خەير» (ياخشىلىق) سۈپىتى بار، ئۇنى تەجەللىي قىلىش كېرەك.
ئازاب تارتىسەن، چۈنكى سەن تىرىكسەن. ئازابلارنى كونترول قىلالىساڭ، ئازابلىرىڭ سېنىڭ ئۇستازىڭغا ئايلىنىدۇ. دەردىڭگە دەرمان ئىزدەيسەن، ئەمما دەردلىرىڭنىڭ ئۆزى دەرماندۇر. دەردىڭنى سۆي، سۆيگۈدەك دەردىڭ بولسۇن. ئادەمنى ئادەم قىلغان ئۇنىڭ بەختى-خۇشاللىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئازابلىرىدۇر.
دەردى يوق ئىنسان بولماس، ئەگەر بولسا ئۇ ئىنسان ئەمەستۇر (شەيخ سەئىدى)
ئىنسان ئازابنىڭ مەھسۇلىدۇر، دەسلەپكى ئازاب تۇغۇتتىن باشلىنىدۇ، ئانىلار بۇ تۇغۇتتىن ھەقىقىي ئانا بولالايدۇ.
شەرقتە ئازاب دىنى، غەربتە ھۇزۇر دىنى، شەرقتە سۈكۈنات، غەربتە ھەرىكەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئازاب بىر نەتىجە، شۇڭا ئۇنى مۇقەددەسلەشتۈرمەسلىك كېرەك.
مەۋجۇدىيەت ئېڭى ئازاب بېرىدۇ. ئەمما ئازاب پىشىپ يېتىلىش جەريانىدۇر. ئەگەر ئۈزۈم پىشىمەن دېسە كۈن نۇرىغا قاقلىنىشى كېرەك؛ تاتلىق بولۇش ئۈچۈن چىدىشى، تەملىنىشى كېرەك. ئاللاھ سېنى تاۋلىماقچى، پاكلىماقچى بولسا، پاكلىنىش سىنىقىدىن، يەنى ئازابتىن ئۆتكۈزىدۇ.
ئازابلار ئۆز تاللىشىمىزدىن كەلگەن ئازابلار، سىرتقى دۇنيانىڭ (باشقىلارنىڭ) تاللىشىدىن كەلگەن ئازابلار(رەزىل دۆلەت، بۇزۇلغان جەمئىيەت) ۋە ئاللاھتىن كەلگەن ئازابلار دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنۈشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆگەن قېرىندىشىڭنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن؛ بۇ، مەرھەمەتكە سازاۋەر بولىدىغان مۇبارەك ئازابلاردۇر. ئازاب چەكمەي تۇرۇپ شەپقەتلىك بولالمايسەن.
چوڭ مۇكاپاتلار چوڭ بەدەلنىڭ مېۋىسىدۇر. پەيغەمبەرلەر چوڭ ئازابلارغا دۇچار بولسىمۇ، ئۇلارنى يەڭگەنلىكى ئۈچۈن بۈيۈك ئىىنسان بولالىغان. ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئازابىنى ئاللاھقا يۆلىنىش ئارقىلىق يەڭگەن. ئازابلار بىزنىڭ ئۇستازىمىزدۇر، ئازابلارغا ھاكىم بولۇش غالىبىيەتتۇر، ئازابلارغا مەھكۇم بولۇش مەغلۇبىيەتتۇر.