
(بۇ يازما 2010-يىل ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا يېزىلغانىكەن، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاپارمەنلىكىنى ئاشۇرۇپ قىلىۋاتقان ماڭقۇرت غالچىلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى دەپ ئويلايمەن)
يېزىمىزنىڭ سىياسىي قانۇن ئىشلىرىغا مەسئۇل سېكرىتارى يېقىندا بىر دېھقاننى ”قانۇنسىز بالا ئوقۇتۇپسەن“ دەپ گۇمانلىنىپ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا 26 كۈن سولاپ قويۇپ، 16 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپتۇ. دېھقان بۇ پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلسا ئۇنى ئۇرۇپ بۇرنىنى يالاق، قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋېتىپتۇ. ئىلىپتەك بۇرنى سۇنغان، قۇلىقى شاپىلاقتىن گاس بولۇپ قالغان دېھقان 5000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق داۋالىنىپمۇ ساقىيالماي يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپتۇ. ناھىيە، ۋىلايەتلەرگە بېرىپتۇ، ھەل بولماپتۇ؛ شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىللىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي، چوڭ يەرگىچە بېرىپ بېقىشنى ئويلاپتۇ. قانۇندىن قىلچە خەۋىرى يوق ئۇ قوڭالتاق شۇجى ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئۇ دېھقاننىڭ ئاغزىنى توۋاقلاش، ئەرز يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھە دەپ يۇقىرى-تۆۋەن قاتراپ ھەرىكەتلىنىۋېتىپتۇ. نەتىجىدە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ھازىرمۇ ئۆز ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ، بازار ئىچى ۋە چەت مەھەللىلەردە ”سىياسەت، دىكتاتۇرا“ كالتىكىنى ئوينىتىپ يۈرۈۋېتىپتۇ.
ئاساسىي قاتلامدا ھۆكۈمەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلمايدىغان، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ رەزىللىك قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر ئوچۇم پارازىتلار بار، ئۇلار بەئەينى ھۆكۈمەت ئۇۋىسىغا كىرىۋالغان يىلان-چايان، ئۇلار قەدىمى يېتىدىغان، كۈچ-ھەيۋىسىنى كۆرسىتەلەيدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاچكۆزلۈك، زەھەرخەندىلىك بىلەن تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، قەيەردە نەپ بولسا شۇ يەرگە ئۈنىدۇ؛ قەيەردە گەپ بولسا شۇ يەرنى تىڭ-تىڭلايدۇ. ئۇلار جىق ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرسە يايراپ كېتىدۇ، چۈنكى سۈر-ھەيۋىسىنى شۇ يەردە بەكرەك كۆرسىتەلەيدۇ. ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغان ئادەمدىنمۇ كۈن نۇرىنى قىزغىنىدۇ، تىنچ كۈن ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ، بۇرۇتلۇقنىڭ بۇرۇتىغا، ساقىلى بارنىڭ ساقىلىغا، ياغلىقى بارنىڭ ياغلىقىغا يامىشىدۇ؛ كۆزىدىن، تىلىدىن زەھەر ياغدۇرۇپ ئازار بېرىدۇ. ھەتتا ئۇۋىسىغا تارتىپ ئەكىرىپ زەھىرىنى سانچىيدۇ، ئۆلتۈرۈپ قويسا بالاغا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى يارىدار قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ. ئادەملەر ئۇلاردىن قورقىدۇ، چۆچۈيدۇ. بىچارىلەر قانچە قورقسا، چۆچۈپ رەڭگىنى يوقاتسا ئۇلار شۇنچە خوش بولىدۇ، قالتىس ئىش قىلىۋەتكەندەك مەغرۇرلىنىپ، داۋاملىق دۆڭگە يامىشىدۇ…
شۇنچە زور خەق ئۇلاردىن نېمىشقا قورقىدۇ ؟ چۈنكى ئۇ يىلان-چايانلارنىڭ ”ھۆكۈمەت“ دەيدىغان مۈڭگۈزى بار. بۇ ئۇلارنىڭ تەلىيى، ئەمما پۇقراغا نىسبەتەن ئاپەت. ھۆكۈمەت يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتتە تەرتىپ ئورنىتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق خەلقنىڭ قورسىقىنى توق، كىيىمىنى پۈتۈن قىلغاچقا پۇقرالار ھۆكۈمەتتىن رازى بولۇپ، كادىرلىرىنى ھىمايە قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ يەۋاتقان بۇنداق زەھەرلىك كۈشەندىلەرگە نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇلار زەھەر كەبى زوراۋانلىقنى سىياسىي دىكتاتورا قىلىۋالغان بولۇپ، ھەقىقىي ھۆرمەت، ئىناۋەت تىكلەپ خەلقنى قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى قورقىتىپ بويسۇندۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ، ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇق ئۇلارنىڭ قولىدا قار جەمئىيەت شايكىلىرىنىڭ قولىدىكى چوماققا ئايلىنىدۇ.

يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىنى قاماقخانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئۇ كاتىۋاشنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا يېزىلىق ساقچىخانا ۋە شۇ يېزىنىڭ باشقا رەھبەر-كادىرلىرى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ناھىيە، ۋىلايەتتىن ئادەم كېلىپ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلماپتۇ. رەزىللىككە، جىنايەتكە سۈكۈت قىلىش ماھىيەئۇنى قوللاش دېمەكتۇر.
10 نەچچە يىل ئىلگىرى مەزكۇر يېزىدا بىر دېھقاننىڭ قىزى باج سېلىق يىغىلى كەلگەن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆكتەملىكىگە چىدىماي، ئۇلار باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ ماڭغان ئۇرۇقلۇق ۋە ئوزۇقلۇق بۇغدايغا چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ، ئادىمىيلىكتىن ئەسەر قالمىغان ئۇ غالچا ھايۋانلار قىزنى ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، يېزا ۋە ناھىيە بويىچە ئەمەلدارلار قاتلىمىدا پاتپاراقچىلىق بولۇپ، بۇ ئىشنى تېزدىن يىغىشتۇرماقچى بولىدۇ. ئىندەككە كەلتۈرۈلگەن قانۇن دوختۇرى ئارقىلىق ” قىز زەھەرلىك دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالغان“ دېگەن ئىسپاتنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، كادىرلارنىڭ جىنايىتىنى ياپماقچى بولىدۇ، يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كېلىپ بولغىچە قىزنى ئاللىبۇرۇن كۆمۈپ قەبرىسىنى باققىلى نەچچە كۈنگىچە ئادەم قويىدۇ. ئاتىسى بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانىدى. ئاڭلىسام ئۇ كىشى خۇن دەۋاسىنى ئاقتۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە يۇرتىدا ئېغىر بېسىم ۋە چەكلىمىگە ئۇچراپ ئاخىر ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشلار ئېسىمدە بولغاچقا، بۇ قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان دېھقاننىڭ مەركەزگىچە كېلىپ ئەرزىنى ئاقتۇرالىشىغا ھېچ ئىشەنمىدىم، بۇ ھەقتە ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىغۇچىغا :”ئۈرۈمچىگە بارسا بارسۇن، بېيجىڭغا كەلسە قىينىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدەك ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەر كۈرمىڭ، ئەرزنامىسىنى سۇنۇشقىمۇ نۆۋەت تەگمەي نەچچە ئاي يېتىپ كېتىدۇ“ دېدىم.
بېيجىڭ جەنۇبى پويىز ۋوگزالىغا يېقىن يەردە ”ئەرزدارلار مەھەللىسى“ دەيدىغان بىر جاي بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەركەزگە ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەر ئاساسەن مۇشۇ جايغا يىغىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەر گوۋۇيۈەن ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا يېقىن، تامىقى، ياتىقى ئادەتتىن تاشقىرى ئەرزان، ئەمما بەك ناچار. بىر مۇخبىر ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ «东庄» ناملىق 20 نەچچە مىنۇتلۇق فىلم ئىشلىگەن. بۇ فىلمنى كۆرگەن ئادەم ئۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا، كۆز ياشلىرىغا ئېچىنماي تۇرالمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 20-30 يىل ئەرز قىلىپ ئەرزىنى ئاقتۇرالمىغانلار، پۇلى تۈگەپ كېتىپ ياتاقتىمۇ ياتالماي كوچىدا تىلەمچىلىك قىلغان، قىشتا يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدا يېتىپ توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەر بار. ئۇلار ئۆي-مۈلۈك، زوراۋانلىق، قىسقىسى ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، غۇرۇرى، ھەققىنى تارتقۇزۇپ قويۇش… ناھەقچىلىقلىرىغا ئۇچرىغان بولۇپ، يەرلىكتىكى زوراۋان ئەمەلدارلار ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىپ، مەركەزدىن بۇنى ئادىللىق بىلەن سوراپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەرزلەرنىڭ قانچىسى جاۋابقا ئېرىشىپ، ئەرزدارلارنىڭ قولدىن كەتكەن ھەق-ھوقۇقى قايتۇرۇۋېلىندى، بۇنى ھۆكۈمەت ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كۆپىنچىسى ئەرزىنى ئاقتۇرالمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ مۇناسىۋەت كېرەك، يول كېرەك، پۇل كېرەك. بەزىلىرى ئەرزىنى سۇنۇپ بولغىچە كەينىدىن ئادەم كېلىپ يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ يېزىدىنمۇ ئىككى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بېيجىڭغا كېلىپ، ”قاچقۇن ئىسيانكار“لارنى ئىزدەپ تاپالماي كەتكەن.
ماڭا بۇنداق ناھەق ئىشلار، ئەرزدارلار خېلى يولۇقتى، ناھەقچىلىق، خورلۇق دەستىدىن ئاققان كۆز ياشلارغا ئىچ ئاغرىتتىم، يۈرىكىم مۇجۇلدى. كېيىن ئۆز ھالىم بىلەن قېلىپ ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتتىم؛ نەدىلا بولسام ئۇنداق پاجىئەلەرنى ئاڭلاۋېرىپ يۈرىكىممۇ قېتىپ كېتىپتۇ. شۇنداق خورلۇق ۋە دەرت-ئەلەملەرنى بىۋاسىتە تارتماي تۇرۇپ سوغۇققان، تەمكىن بولۇپ كەتكىنىم قىززىق. مەن بىلەتتىم، ئۇ بىچارىلەرمۇ بىلەتتىكى، ئەرزىنى ئاقتۇرغان تەقدىردىمۇ يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن قىزىل باش ھۆججەتنى ئىجرا قىلىدىغانلار يەنىلا شۇ يەرلىك خاقانلار. مەركەزدىن ھېچكىم كاڭشى خاندەك تۆۋەنگە چۈشۈپ، ھەق-دەۋانىڭ سورالغان-سورالمىغانلىقىنى، ئىجرا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرالمايدۇ؛ چوڭ ھوقۇقدار كىچىكىگە بۇيرۇسا ئۇمۇ ئەمەلدار-دە، تۆۋەنگە چۈشسە ئاۋۋال ئەمەلدارنى تاپىدۇ، ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئاۋام ” قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ“ دېگەن ئوبرازلىق سۆزى ئارقىلىق يىغىنچاقلايدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام رەھبىرى: ” باشلىق بولغان ئادەم پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلىسا بەكمۇ چۈپەيلىك، نامەرتلىك قىلغان بولىدۇ؛ باشلىق بولۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى باشقىلارنى ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش“ دەپتۇ. بۇ رەھبەر ”خەلقنى شاد-خورام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش“ دەپ يوغان، قۇرۇق گەپ قىلماي، ”باشقىلارنى ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش“ دەپ نەق گەپنىلا دەپتۇ. ئەمما بىزنىڭ بەزى كاتىۋاشلارچۇ؟ باشقىلارنى ئازادىلىككە، خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قورقىتىپ بېسىم سېلىشتىن، ھەتتا ئاشۇنداق زوراۋانلىق قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ ئۆزىدىن چوڭ باشلىقلارنىلا خۇشال قىلالىشى مۇمكىن. يۇقىرىغا ئېگىلىپ، تۆۋەنگە غادىيىدىغان بۇنداق نامەرتلەرنى بۇ ئەھۋالغا ماسلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە رەھبەر دېگىلى بولسىمۇ، غۇرۇرى بار ئەركەك، ئىنساۋى بار نورمال ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىلەر نىسبەتەن باي، ھۇقۇقدارلارنىڭ يانچۇقى توم، پارا يېسىمۇ مىليونلاپ يەيدۇ. ئەمما يېزىمىزدا خەلق بىر قەدەر نامرات بولغاچقا، يەرلىك كاتىۋاشلارنىڭ بالايى نەپسىنى تويغۇزۇپ بولالماي ئۇلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈۋاتامدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ. يا دېھقىنىدىن، يا موللىسىدىن، يا ئەپەندىلىرىدىن تۈزۈك نەپ كۆرمىگەن بۇ كاتىۋاشلار ئۇلارغا شۇنچىلىك ئوسال مۇئامىلە قىلىدۇكى، نەپسى تويمىغانچە ئۇ بىچارىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، قانۇنسىز جەرىمانە قويۇپ، ئېغىر بېسىم سالىدۇ . بۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، زوراۋانلىقى ئۆتمۈشتىكى زالىم بەگلەرنى ئەسلىتىدۇ. دەۋر ئۆزگەرسىمۇ بەزى ناكەسلەرنىڭ قېنى، تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدىغان ئوخشايدۇ. بۇنى سورايدىغان ھۆكۈمەت قېنى؟ قېنى ئۇ نازارەت ئورۇنلىرى؟ دېھقاننى ئۇرۇپ مېيىپ قىلغان ئۇ كاتىۋاش تېخى بىر يېزىنىڭ سىياسىي قانۇن شۇجىسى، ئۇ ئۆزى ھۆكۈمەت، ئۆزى قانۇن، ئۆزى ئىجراچى. يېزىلىق ساقچىخانىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇ دېھقانغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئادىل ئىگە بولىدىغان بىرەرسى چىقمايدۇ. چۈنكى بارلىق ھوقۇق پارتىيىگە. شۇجىغا مەنسۇپ. سوتچىمۇ، ساقچىمۇ شۇجىغا غىدىڭ-پىدىڭ قىلالمايدۇ.
خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىدىغان كاتىۋاشلار ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە بولسا تاڭ، ھازىرقى باشلىقلار ھېچقاچان ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ ئويلىمايدۇ، ئويلايدىغانلىرىمۇ بار؛ لېكىن ئۇلار زاماننىڭ كەينىدە قالغاندەك، ھوقۇقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ. دېمەك، ئاچكۆزلۈك ۋە چىرىكلىك يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە كىشىلەر ئېڭىغا سىڭىپ كەتتى. بىر ئادەمنى چوشقا قوتىنىغا بىر ئاي ئەمەس، بىر ھەپتە سولاپ قويسىمۇ سېسىق پۇراقتىن كۆڭلى ئاينىمايدىغان بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، چىرىكلىك ۋە قۇلچىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلىمىغا ۋابادەك يامراپ كەتسە، خەق بۇنىمۇ تەبىئىي ئىشتەك قوبۇل قىلىدۇ. ئادەمنى يامان ئادەت ناھايىتى ئاسان قۇل قىلىۋالىدۇ. رىئاللىقتا كۆرۈلۈۋاتقان بارلىق پاجىئە ۋە دات-پەريادلار ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىدىن، بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشىدىن، ھەتتا زەھەرگە خۇمار بولغاندەك ئۆگىنىپ قېلىشىدىن باشقا ھادىسە ئەمەس. تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئامال يوق، ئەمما ئىجتىمائىي ئاپەتلەرگە ئېچىنماي بولمايدۇ. بۇ تۇيغۇنىمۇ يوقاتقان ئادەم ماڭقۇرتتۇر.
ئەرز قىلىمەن دەۋاتقان دېھقاننىڭ ھەر ھالدا غۇرۇرى بار ئىكەن، قۇرۇق تۆھمەت ۋە جەرىمانىنى رەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن نەپ ئۈندۈرەلمىگەن ھېلىقى زومىگەر ”ماڭا قارشى چىققىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى چىققىنىڭ“ دەپ ئۇنى ئۇرۇپ ئەيىپناق قىلىۋېتىپتۇ. دېھقاننىڭ ئۇنىڭغا قول ياندۇرغان-ياندۇرمىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر ئۇمۇ ئادەم بولغاندىكىن ناھەقچىلىققا چىدىماي قول ياندۇرغان بولسا چوقۇم ” ھۆكۈمەتكە مۇشت كۆتۈرگەن ئەكسىيەتچى “ دېگەن بەتنامغا قېلىپ، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا بۇنى ئويلاپ قول ياندۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇرنى ماكچىيىپ، قۇلىقى پاڭ بولۇپ كەتكىچە تاياق يەپ يۈرمەستى. ئەگەر ئۇ دېھقان ئۆزىنى 26 كۈن ئېشەكتەك سولاپ قويغان، ئۇرۇپ ھاقارەتلىگەن كاتىۋاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ھوقۇقىدىن ھالقىغان ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ”ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىلى“ سۈپىتىدە ئەمەس، بىر قارا گورۇھنىڭ ئۇچىغا چىققان لۈكچىكى سۈپىتىدە كۆرەلىگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ تېگىشلىك ئەدىۋىنى بېرىپ، ئۆز ھوقۇقىنى، بۇرنىنى، قۇلىقىنى قوغداپ قالالىغان بولاتتى.
قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ پارتىيىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىدىغان بۇنداق مېتە قۇرتلار نەدىلا ھوقۇق تۇتسا شۇ يەرگە ئاپەت. خەلق ئۇنداق ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ، بۇنداق قارغىش-تىلەكلەر ماھىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىغا پايدىلىق. ھۆكۈمەت نامىدا پۇقراغا زوراۋانلىق قىلىدىغان كاتىۋاشلارنى ھۆكۈمەت ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچى سۇسلاپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ كاتىۋاش داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇپ كۆرەڭلەپ كېتىۋەرسە، ناھەقچىلىققا چىدىمايدىغان بىرەرسى ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشى مۇمكىن. قىلىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ بولۇپ ئاخشىمى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان زومىگەر كاتىۋاشلار بەئەينى قورقۇنچاق يىلان، ئۇلار بىرسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىپ بېشىغا دەسسىۋېتىشىدىن چوقۇم ئەنسىرەيدۇ.
بىزدىمۇ سىياسىي ئاڭ بولسۇن، كۈندە تېلېۋىزور كۆرۈپ، گېزىت ئوقۇيالمىساقمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇچۇر تىڭشاپ، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى. بىزدە «يولدىن چىقما، خاندىن قورقما» دەيدىغان گەپ بار. بۇ يەردىكى يول ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-سىياسىتى دېمەكتۇر. بۇنى بىلمىسەك بولمايدۇ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرمەي تۇرۇپ مەزمۇت ياشىغىلى بولمايدۇ. مەركەزنىڭ ” ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش“ دېگەن سىياسىتى ئاۋامنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك، سىياسەتنى قانۇندىن ئۈستۈن قويۇۋالىدىغان يەرلىك خاقانلارنىڭ زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرىغا خاتىمە بېرىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەزى كۈشەندىلىرى بۇنىڭغا جاھىللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا خەلق مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالىق ھۇقۇقىنى ياخشى تونۇپ ھەم قوغداپ، ئوتتۇرىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتقان نائەھلىلەرگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئۇ لاياقەتسىز ئوغرىلار مەركەزنىڭ ئىناۋىتىنى داۋاملىق پوقلايدۇ، ئۆز نەپسى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى ئالدايدۇ، ناھەقچىلىق تۈگىمەيدۇ، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
يېقىندا زۇڭلى ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: ”مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ھازىرقى زاماندىكى سياسەت، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تاكتىكىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەمۇرىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىدىيەدىن شەكىلگە ئۆتۈشتىكى ئېنقىلاب خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى قۇيغان مۇھىم بىر قەدىمى شۇنداقلا دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملار قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىش بىجىرىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يېڭى ئۈنۈم يارىتىشى لازىم“. (ئۇيغۇرچە «خەلق تورى»نىڭ 2010-يىل 30-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرى)
مەركەزدە سىياسەت بەلگىلىگۈچى رەھبەرلەر ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىدىغان نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر بولىدۇ. بىراق ئۇنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجرا قىلىدىغانلاردا سۈپەت-ساپا بولمىسا ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشىپ، ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. دېڭ شياۋپىڭ ھايات چېغىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ” جۇڭگودا مەسىلە چىقسا كومپارتىيىنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ“
دېگەنىكەن. جۇڭگودا كومپارتىيە بارلىق ھوقۇقنىڭ يادروسى، بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلدارلار قاتلىمىدىكى پۇل-ھوقۇق كۈرىشى، چىرىكلىكنىڭ ئەدەب كېتىشى دۆلەتكە ئەڭ زور خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. مەركەزدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق، سىياسەت، قانۇن ۋە تەدبىرلەرنى قوڭىنىڭ قىرىغا ئالمايدىغان، ئۆزى بىلگەنچە يەرلىك سىياسەت چىقىرىپ پۇقرالارغا زۇلۇم سالىدىغان، ”ھۆكۈمەت تاش سانىغىچە مەن قۇم سانايمەن، ھۆكۈمەت جايلاپ بولغىچە مەن ئەپلەپ بولىمەن“ دەيدىغان، ھوقۇقىنى قانغۇدەك يەپ ئىچىشكە، ئاشنا ئويناشقا، مۇناسىۋەت باغلاپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە ئىشلىتىدىغان پارازىتلار ھۆكۈمەتنىڭ كۇشەندىلىرى، ئۇلارنى يوقىتىپ تۇرمىسا ھاكىمىيەتكە خەۋپ يېتىدۇ. ھۆكۈمەتمۇ بۇنى تونۇپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقتا. ئىستىلدا چىرىكلىشىپ ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ پەيمانى ھامان توشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار تېخى نومۇس قىلماي ”مېنىلا نەس باستى“ دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئۇ مەخلۇقلارنى بايقاشتىن ۋە جايلاشتىن ئاۋۋال ئۇلار ئاۋامنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە كۆمۈلگەن بولىدۇ.
2010-يىل 9-ئاي