ماقالە

دىنىمىزنى موللا-ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بېرىۋەتتۇقمۇ؟

(بۇ يازمامنى بۇنىڭدىن نەق 15 يىل بۇرۇن ۋەتەندىكى ۋاقتىمىدا  يېزىپ تاشلاپ قويۇپتىكەنمەن،  ھازىر قاراپ باقسام، ئەھۋالىمىزدا چوڭ پەرق يوق، كۆز قاراشلىرىمدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس)

ياشاۋاتقان ماكانىمىزدا، ئەتراپىمىزدا  شۇنداق بىر  ياغلىق قاپاق  ئېسىقلىق تۇرغىلى ئۇزاق بولدى: دىن ئاخۇن-موللىلارنىڭ ئىشى، ئىسىمنى موللام قويىدۇ، خەتمىنى موللام قىلىدۇ، نىكاھنى موللام ئوقۇيدۇ، جىنازا نامىزىنى موللام چۈشۈرىدۇ، خەتمىنى موللام قىلىدۇ. دىندا ئوقۇغان تالىپچاقلارمۇ كېيىن شۇ موللىلارنىڭ سېپىگە قېتىلىپ، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ قالىدۇ (دىققەت: ئەھلى ئىلىم ئەمەس، دىنىي كەسىپ ئەھلى)، ئادەملىرىمىز ئۇلارغا ئىمتىياز تونى پىچىپ بېرىدۇ، ئۇلار بۇ توننى كىيمەي دېسىمۇ ئامال يوق، ھۆرمەت تونىنى كىمنىڭ كىيگۈسى كەلمىسۇن. كىيسىڭىز ئوبدان يارىشىدۇ، سالاپەت قونىدۇ،  تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ ئوبدان يەيسىز،  دۇئا-تەگبىرنى  بەجا كەلتۈرىسىز، سورۇندىن يانغاندا قۇرۇق قالمايسىز… خەقنىڭ كۆڭلىنى رەت قىلىشقا قانداق چىدايسىز،  كۆڭۈل دېگەن ئوت، نەگە پۈۋلىسە شۇ ياقتا ئۇلغىيىدۇ؛ مەنپەئەت  دېگەن سۇ،   ئۇسسىغاندا يۈرەككە بارىدۇ، ئىچىپ-ئىچىپ قانمايسىز.  خەقلەر ئوقۇغان ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ بېرىدۇ يا بولمىسا قائىدىسىنى قىلىمىز دەپ  بېرىدۇ، قانداق قائىدە؟ بۇ قائىدە نەدىن كېلىپ قالدى؟ سۈرۈشتۈردىغان ئادەم يوق. جەمئىيەت دېگەن شۇ،  بىرسى كاللىسى قېيىپ(شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ) خاتا ئىشتىن بىرنى باشلاپ بېرىدۇ، قالغىنى ئۇنىڭ چالىسىنى تولۇقلايدۇ، يەنە بىرى ئۇنى دورايدۇ (ناچا ئادەت ئاسان تەقلىد قىلىنىدۇ)،  قالغانلارمۇ  ئۇنى بىر دەمدىلا  زورايتىپ، كەڭ دائىرىلىك، پۇختا، يىمرىلمەس بىر <ماڭقۇرت ئادەت>نى شەكىللەندۈرىدۇ.  بىزلەر مانا مۇشۇنداق پۈتمەس-تۈگىمەس خاتا، بىدئەت قائىدىلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاۋاتىمىز. قېنى، قايسىڭىز  بۇ ئادەتتىن چىقىپ كېتىدىكەنسىز ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارا بورانلىرىدا سۈپۈرۈپ تاشلىنىسىز.
ھەقىقىي موللا ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەسلىدە باراڭدىن ئۈزگەن ئاپئاق، چىرايلىق قاپىقى ھازىر ياغلىشىپ ئەسلىنى تونۇغىلى بولماس بولۇپ كەتتى، بىزنىڭ ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز ئۆمۈچۈك تورى بېسىپ كەتكەن ياغلىق قاپاق. ھازىرقى بالىلار، ياش زىيالىيلار بۇنى بەكمۇ كونا، كۆرۈمسىز تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. دىن دېگەن موللىنىڭ ئىشى دەيدۇ، ئەيھات،  دىنىمىزنى موللا-ئاخۇنغىلا ھۆددىگە بېرىۋەتتۇقمۇ؟  ئەجىبا سىزنىڭ دىن بىلەن، ئۆز دىنىڭىز بىلەن ئالاقىڭىز يوقمۇ؟ دىن دېگەن ھاياتىڭىز، جېنىڭىز، بەختىڭىز بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن ھايات-مامات كۈرىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن پەلسەپەدىن يۈكسەك تۇرىدىغان ھېكمەت خەزىنىسى ئەمەسمۇ؟ دىن دېگەن چەت ئەللىك دوكتورلار تىترەپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان چوڭقۇر ئىلىم، ئاسان يەتكىلى بولمايدىغان روھىي مەنزىل، ھەقىقىي سۈپەت-ساپا ئەمەسمۇ؟  ئەقىللىق خەلقىمىز بۇنى تونۇغان، دىندا ئوقۇغانلارنى، دىندا ئالىم بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن؛ مەھمۇد كاشىغەرىدىن نەۋائىغىچە، ئابدۇرېھىم نىزارىدىن موللا بىلال نازىمغىچە، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرگىچە نۇرغۇنلىغان ئالىم-ئۇلىما، ئەدىبلەرنىڭ قايسى بىرى مەدرىس مائارىپىدىن تەلىم ئالمىغان؟
باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ماركىسىزم تەربىيىسى ئالدىم. ماركىسىزم تەربىيىسى ماھىيەتتە ئاتېزىم تەربىيىسى، ئەمما ماڭا دەرس بەرگەن بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ“خۇدا يوق“ دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاڭلىغان بولساممۇ ئېسىمدە يوق. ماركىسىزمدىن ماڭا نېمە يۇقتى، ھېچنېمە. ئىمتىھاندىن يادلاپ بېرىپلا ئۆتۈپ كەتتىم.  ماركىسنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى پەيلاسوپ ئەمەس، ھەممىنى ماددىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئادەتتىكى مۇتەپەككۇر،  ئىقتىسادشۇناس، جەمئىيەتشۇناس ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم. ئەگەر ئىسلام ھەققىدە چۈشەنچەم بولمىغان بولسا بۇنىمۇ بىلمەي ئۆتۈپ كېتەتتىم.

     دىنىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئەركىنلىكىمگە قايتا ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كەلدى، ئەركىنلىك دېگەن نېمە؟ بەش ۋاق نامازدا، روزا رامىزاندا ئەركىنلىىك بولامدۇ؟ مەنمۇ بىر ياش يىگىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا قارىمامدىمەن، دوستلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ئىچىپ-چېكىپ ئولتۇرمامدىمەن؟ تانسا-پانسا ئوينىمامدىمەن؟… سىقىلدىم، ئويلاندىم، ئىككىلەندىم، ئازابلاندىم، ئەگەر نەپسىمنى يېڭەلىسەم تەقۋا بەندىلىككە تاللىنىمەن،  ئاندىن دىننى كونىلىق دەپ قارايدىغانلار ئارىسىدىن شاللىنىمەن، چەتكە قېقىلىمەن. ھەتتا دىننى كەسىپ قىلىۋالغان ئاتالمىش موللىلارنىڭ سوغۇق نەزەرلىرىگە دۇچ كېلىمەن. چۈنكى مەن دىندىن بىر كەلىمە سۆزلەپ قويسام  ئۇ بىچارىلەرگە ئۇلارنىڭ نېنىنى تارتىۋالغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىمەن.
نىھايەت، ئەركىنلىكنى چۈشەندىم؛ ئەركىنلىك بەندىلەر ئارىسىدا ئەمەس، قەلبتە بولىدىكەن. ”نەپسىڭنى قوينى بوغۇزلىغاندەك بوغۇزلاپ ھەقىقەتكە يەت“ دېگەنىگەن جالالىدىن رۇمى،  ھەق ئاشىقى سوپىلارنىڭ ئىدىيىسىدىن ئىلھام ئالدىم. تەن بىر ئات بولسا روھ ئۇنىڭ چەۋەندازى،  نەپسانىيەت گويا دوزاخقا تۇتىشىدىغان ئوت بولسا،  ئىمان ئۇنى ئۆچۈرىدىغان سۇ ئىكەن؛  نەپسىمنى سوپىلاردەك پاكلاش نىيىتىگە يېتەلمىگەن بولساممۇ، دىنىمنى ئاز-تولا چۈشىنىپ ئۆزەمنى توغرىلاش مەقسىتىگە يەتتىم.

    كېيىنكى سوپىلار ئاينىپ كەتتى، بىزنىڭ كېيىنكى موللىلارمۇ (ھەممىسى ئەمەس) ئۆز دىنىدىن ھەقىقىي نېسىۋىسىنى ئالالمىدى، بەلكى دۇنيالىق نەپ ئالدى. بۇ دۇنيانى ئاخىرەتكە سېتىۋەتكەن موللىلار بۇ دىننى خۇنۇك، بىچارە كۆرسىتىۋەتتىكى، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇنىڭ زىيىنىنى تا ھازىرغىچە تارتىپ كەلمەكتە.
جەمئىيەتكە چىقتىم، جەمئىيەت داشقايناق، سورۇنلار  قايناق، بىر چەتتە ئولتۇرىمەن، ئىچىپ-چېكىشىدۇ؛ ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ، مەنىسىز ئولتۇرۇشلار ئۇلارنىڭ ھاياتىغا مەنە بېغىشلايدۇ، كەيپ-ساپا ئۇلارنىڭ بارلىق غەم-قايغۇلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما شۇنىسى قىزىقى، مەستلىكتىن كۆزلىرى غىلىيىپ، ئەقلى ھوشىنى يوقاتسىمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تېخى دىن ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كەلگەن بىرى توۋلايدۇ: بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر…  شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى جىمىپ قالىدۇ. ئەمما كىملەرنىڭدۇر دىن ھەققىدە يەنە داۋاملىق تالاش-تارتىش قىلىشقۇسى، ئەرەبلەرنى ئېشەك دەپ تىللىغۇسى، دىن بىزگە كەينىچىلەپ كىرگەن…دەپ قاقشىغۇسى بار.  ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدە، ئەرەبلەر ھەققىدە تۈزۈك بىلىمى يوق، ھەممىسى بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان تۈكى يوق گەپلەر.
ھاراق  سورۇنىغا بېرىشىمنىڭ ئۆزى خاتا، ئەمما ئەدەبنى ئەدەبسىزدىن ئۆگىنەي دېدىم. تەقۋالىقىمدىن كېرىلىپ كەتمىدىم، ئىچىش ئەركىنلىك، ئىچمەسلىكمۇ ئەركىنلىك. مەن كېيىنكىسى تاللىغان، رەببىمدىن تەۋپىق تىلىدىم. ئەسلىدە بۇنداق سورۇندا باشتىلا كەسكىن مەيدانىمنى ئىپادىلەپ، ھاراقكەشلەرنى ئەدەبلەپ قويغان بولسام ھەقىقىي مۇسۇلمان بولاتتىم،  ئەمما مەن سەپرا، لۈكچەك مىجەز ئەمەس، بۇنىڭغا تاقىتىم، جۈرئىتىم يەتمەيدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق چىداپ ئولتۇرۇپ بىرەرسىگە بولسىمۇ ياخشى تەسىرات بېرىپ،  ئۇنى توغرا يولغا باشلىسامچۇ؟  بۇ گەپ نېرى تۇرسۇن، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئادەمگە دىننىڭ گېپىنى قىلسا خوشياقامدۇ؟ ئىمان ئىسلام ھەققىدە گەپ قىلساڭ شۇ ھامان ”سەن نېمىتىڭ… ئۆزەڭچە موللا بولۇپ كەتتىڭمۇ؟…موللا بولساڭ ئۆيۈڭدە ئولتۇرماي بۇ يەرگە كېلەمتىڭ“ دېگەن گەپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇلارغا ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن چوقۇم دىندا ئوقۇغان موللا بولۇش، ئۆيىدىن چىقماي ناماز ئوقۇيدىغان بولۇش كېرەك.  موللا بولۇشقا سالاھىيىتىم توشمىغاچقا ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ جىممىدە ئولتۇردۇم، ھېس قىلدىمكى،  ئۇلارنىڭ ئىچىنى بىر نەرسە تاتىلايتتى، كەيپتىنمۇ ھېچ مەنە چىقمىغاندا مۇشۇ ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلكىنى، خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بىئارام بولاتتى (ئەلۋەتتە بۇنداق بىئارام بولمايدىغانلار كۈرمىڭ)،  ياخشى يېرى، ئۇلار ئويلىناتتى، ئويلانمىسا دىنغا ئائىت چوڭقۇر مەسىلىلەرنى قانداق ئاڭقىرىدۇ؟ ئۇنىڭ جاۋابىنى نەدىن ئىزدەپ تاپىدۇ، ئويلىنىدىغانلاردىن تەسەللىي تاپقىلى بولىدۇ، بىراق ئويلانمايدىغان ئىنساندىن ئۈمىد كۈتۈش تەس.
<بۇنداق سورۇندا دىننىڭ گېپىنى قىلىشمايلى ئاغىنىلەر؟ > دەپ ھەممىنى توختىتىپ قويغان بۇرادەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندىم، ئۇ ئۆز دىنىنى ھاراق سورۇنىدىن قوغداپ قالماقچى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق گەپلەر، بۇنداق مۇنازىرىلەر پەقەت مەسچىتلەردە، مەدرىسلەردە، جامائەت سورۇنلىرىدا، ئىشقىلىپ ھاراق، تاماكا بولمىغان پاكىز بىر يەردە بولۇشى كېرەك. نەدە شۇ پاكىز يەر، ئۇ يەرلەردە دىن ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر بولامدۇ؟ ئاشۇ موللىلارنىڭ بىلىمى، مۇنازىرە قىلىش قابىلىيىتى قانچىلىك ؟ بىزدە مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئازغىنە مەنپەئەتىنى دەپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغان ياكى قارىسىغا پەتىۋا بېرىدىغان موللا تولا،  ئەمما زىيالىي سۈپەت پىكىرلىشەلەيدىغان، سىياسەت يول قويغان دائىرىدە ھەقنى دېيەلەيدىغان، دىننى ئۆز ھەقدارلىرىغا خالىس يەتكۈزىدىغان موللا ئاز. موللا بىلەن زىيالىي بىزدە خۇددى دېھقان بىلەن كادىردەكلا ئىككى دۇنيا. ھەممىسى ئۆز كەسىپىنى بۆلۈشۈۋالغان، بىر-بىرىنى يىراقتىن كۆزىتىپ گاھى ماختىشىپ، گاھى تىللىشىپ ئۆتىدۇ.
دېمەك، بۇ ھاراق سورۇنىدا پەقەت موللا يوق ئىدى، ئارىمىزدا پەقەت موللا قالمىغانىدى، ئۈستىمىزدە ئالا يېشىل چىراغلار يورۇپ تۇرسىمۇ كاللىمىز قۇرۇق، قەلبىمىز قاراڭغۇ ئىدى. جاھاندىكى گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گويا قىزلارغىلا، قىزلارنى چۆرىدىكەن ئىستېمال بۇيۇملىرىغا مەركەزلىشىپ قالغانىدى. شەھۋەت…  شۇنداق، شەھۋەت، شەيتاننى چۈشىنىش بەك مۇھىم.  ئۇلارنىڭ ئىچى قىززىپ تۇراتتى، شۇ چاغدا مەن دېدىم: نېمىشقا دىن ھەققىدە گەپلەرنى قىلىشساق بولمايدۇ؟
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا چەكچىيىپ قارىدى، بۇ كۆزلەردىن ”سەن ئىچمىگەندىن تولا گەپ قىلما“ دېگەن مەنە چىقاتتى.
− قايسى كىتابتا ھاراق سورۇنىدا دىننىڭ پارىڭىنى قىلىشسا بولمايدۇ دەپتۇ؟ — دېدىم يەنە.
− ئىشقىلىپ بولمايدۇ، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ دىننىڭ گېپىنى قىلسا بولمايدۇ“ دېدى ھېلىقى پەتىۋاچى.
− دىننى خۇددى سەن ئوقۇمىغان قۇرئاندەك تاختا بېشىغا ئېلىپ قويماقچىمۇ؟“
− سەن نېمە دېمەكچى؟
− مۇشۇنداق سورۇندىمۇ دىن ھەققىدە پاراڭلشسا نېمىشقا بولمىغۇدەك؟
− بولمايدۇ، بۇ گەپنى تۈگىتەلمەي قالساق سەن يەنە ئوتتۇرىغا چىقارماقچىمۇ؟
− ياق، مەن زادى سېنىڭ گېپىڭنىڭ ئاساسىنى بىلىپ باقماقچى.
− بۇنى مەندىن سورىما، مەن موللا ئەمەس، ئىشقىلىپ، بۇنداق گەپنى ساق چاغدا دېيىشكەن ياخشى.
− بۇ گېپىڭغۇ توغرا، لېكىن مەن ئويلايمەن، ئازراق ئەقلى ھوشۇڭلار بولسىلا دىننىڭ گېپىدىن قاچماڭلا. چۈنكى بەزى ئاغىنىلەر ئىچىپ ئولتۇرۇپ ساق ۋاقتىدىكىدىن بەك سازلىشىپ كېتىدۇ، ئويلىمىغان ئىشلىرى قالمايدۇ، كۆڭلىدىكى راست گەپلىرىنى بىر كىمگە دېگۈسى كېلىدۇ. دىن مەسىلىسى نەق كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى مەسىلە، شۇڭا بۇنى توسمايلى دېمەكچىمەن.
− ھازىر سەندىن باشقا ھەممىسى گالدى گۇلدۇڭ، بەزى گەپنى ئۇقماي دەپ سالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن موللا ئەمەس، ئۇلار چۈشىنەلمىگەن ئىشنى سەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيسەن.
− مەن موللا بولمىساممۇ دىندىن خېلى ئوبدان ساۋادىم بار، بىلگىنىمچە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمەن.
− سەنما؟ ناماز ئوقۇغاننىڭ ھەممىسى موللا بولىدىغان بولسا ئىگەكىم…
شۇنىڭ بىلەن گەپ تۈگىدى، ئاغزىم تۇۋاقلاندى.  ئۇلارغا دىن ھەققىدە گەپ قىلىشقا سالاھىيىتىم توشمايدىكەن.  ئويلىغىنىمدەكلا بولدى، بىز دەۋاتقان ئىسلام دىنى، بىزنىڭ جېنىمىزغا ئارا تۇرىدىغان، بىزگە ھاۋادەك، سۇدەك زۆرۈر بولغان بۇ دىنىمىز ئۇلارنىڭ نەزەرىدە (بەلكىم كۆپ سانلىق ھەقەمسايىلىرىمىزنىڭ نەزەرىدە) پەقەت موللا ئاخۇنغىلا ھاۋالە قىلىنغان ئىش ئىكەن، شۇنداق ئەمەسمۇ يا؟ جەمئىيەت دېگەن كەسىپ، سالاھىيەت بىلەن جەمئىيەت. ئادەم دېگەن ئۆزى ئوقۇغان كەسىپنىڭ نېنىنى يەپ، باشقا ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغان ئىجتىمائىي مەخلۇق. ئادەم دېمەك سالاھىيەت، ئىمتىياز دېمەكتۇر. موللىلىقمۇ بىر ئىمتىياز، دىننىمۇ ئۇلار ئۆگەنسۇن، نامازنىمۇ شۇلار ئوقسۇن، پەتىۋانىمۇ شۇلار بەرسۇن، ئۇستىرىنىمۇ شۇلار تۇتسۇن، كېسىدىغان، سۈفلەيدىغان، ھۈرۈيدىغان، سۈرۈيدىغان، پىچىرلايدىغان، بەرىكەتلىك دۇئا قىلىدىغان ياكى بەددۇئا قىلىپ خەقنى قارغايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شۇلار قىلسۇن. بۇ دىننىڭ بىزگە، بىزدەك زىيالىيلارغا، پەندە ئوقۇغانلار بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. كىمكى دىندا ئۆزىنى ئالىم چاغلايدىغان زىيالىي بولسا سورۇنغا بارغاندا دىققەت قىلسۇن، بولۇپمۇ موللا ئاخۇن بار يەردە ساقال تارىمىسۇن، ئېغىز غېرىچلىمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلسا ئەل جامائەتنىڭ  مەسخىرىسىگە قالىدۇ.
پېقىر ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىيالىغۇدەك ئالىم ئۇلىما بولمىساممۇ بىلگىنىمنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشنى خالايدىغان ئادەتتىكى مۇسۇلمان ئىدىم، جەمئىيەتتە سالاھىيەت، ئىمتىيازىم بولمىسا گېپىم ئۆتمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمگە ۋەز-نەسىھەت خوش ياقمايدىكەن، ھەقىقەتنى ئاللىبۇرۇن تېپىپ بولغاندەك ياكى ھامان تاپىدىغاندەك، تاپمىسىمۇ بولىدىغاندەك ياكى مۇشۇنداق ياشاۋەرسىلا مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزى ھەقىقەت بولىدىغاندەك بىخارامان يۈرىۋېرىدىكەن. ئۆلۈم ھەقىقىتى كېلىش ئالدىدا ئىمان ھەقىقىتىنى تېپىۋېلىش ھەممىدىن مۇھىم، ئەمما ھازىر دىننى ھۆددىگە ئېلىۋالغانلار غەپلەتتە، دىننى ئۇلارغا يۈكلەپ قويغانلار غەپلەتتە… ئى ئاللاھ، بىزنى غەپلەتتىن قۇتقۇزغىن، ھەممە ئادەم غەپلەتتە قالسىمۇ بىزنى سەگەك قىلغىن، ئىنساننى پەقەت سەنلا توغرا يولغا باشلىيالايسەن.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button