ماقالە

كىتاب ۋە تېلېفون

ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغان چېغىمدا ئاپتوبۇستا بىر ئايالنى كۆرىمەن، چاچلىرى ئاپئاق ئاق تەنلىك ئايال، تىپىك ئامېرىكالىق، چىرايىدىن 60 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ، باشقىلارنى كۆرسە كۈلۈمسىرەپ سالام بېرىدۇ، قاچانلا قارىسا روھلۇق ۋە تەمكىن. مەن بىلەن بىر بېكەتتە چىقىدۇ، بىر بېكەتتە چۈشىدۇ، ئاپتوبۇستا چىققاندا ھامان بىر سومكىسى بار، سومكىسىدا كىتابى بار، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتابىنى قولىغا ئالىدۇ، قاتلاپ قويغان يېرىنى ئاچىدۇ، سىزغۇچىنى ئالىدۇ، ھەر قۇرنىڭ ئاستىغا قويىدۇ ۋە بېرىلىپ كىتاب ئوقۇشقا باشلايدۇ. ھەر ھەپتىدە قولىغا ئالغان كىتابى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭدىن ئۇ ئايالنىڭ بىر ھەپتىدە بىر كىتابنى ئوقۇپ بولىدىغانلىقىنى پەملەيمەن. يولغا كېتىدىغان ۋاقتىدىن ئۇ ئەنە شۇنداق پايدىلىنىدۇ.
مەن بولسام ئاپتوبۇستا تېلېفون ئاڭلايمەن، ناخشا تىڭشايمەن، كىنو كۆرىمەن. فېسبوكقا چوقۇم بىر قارايمەن، نېمە يېڭىلىق، نېمە غەيۋەت-شىكايەت، نېمە سەتچىلىك، نېمە قىزىقچىلىق بار، شۇنىڭغا دىققەت قىلىمەن. زۇمرەت داۋۇت چىقارغان ۋىدىيولارنى كۆرۈپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ھالىدىن ئاھ ئۇرسام، بىردەم ئۆتۈپ ئىنستاگرامدا چىققان رەڭگارەڭ سۈرەت، ۋىدىيو، قىز-يىگىتلەرنىڭ شوخ ئۇسۇللىرى، سورۇن تاماشىلىرى، سەيلى ساياھەتلىرىنى كۆرۈپ، تۈرمە-لاگېرنىڭ سىرتىدا ھاياتنىڭ يەنە باشقا شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولىمەن-دە، ھېلىقى زۇلۇملارنى بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇپ، كاللامدىكى تۇمانلارنى ھەيدەيمەن. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەقسىتىمۇ دەل خىتايدىكى ۋەھشىيلىكنى ئۇنتۇلدۇرۇش.
تېلېفونغا باغلىنىپ، ئېكرانغا قادىلىپ قېلىش قۇتۇلغۇسىز ئىشقا، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بېسىمغا ئايلىنىپ قالدى. كۆرۈش دائىرىمىز كىچىكلەپ، ئاسمانغا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتۇق. ھەر جايدا خىتاينىڭ قولى باردەك تۇيۇلىدۇ، تېلېفوندىمۇ خىتاي ئەپلىرى، خىتايدا دويىن، ئامېرىكادا تىكتوك، ئېكران ئارقىسىدىكى، كونۇپكا تاختىسىدىكى كۈرەشلەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا. بۇ كۈرەش قىززىغانسېرى كىتاب ئوقۇش تاشلىنىپ قالدى.
زېھنىمىز تېلېفونغا بەنت بولغاندىن باشلاپ، ھەر خىل ئۇچۇر، ئېلان، قىزىقچىلىق، سەنئەت نومۇرلىرى، تالانت ماھارەتلەرگە مەپتۇن بولۇپ كەتتۇق. بىزلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا، ھەممە مىللەت شۇنداق بولۇپ كەتتى. يۇتۇب، فېسبوك، ئىنستاگرام قاناللىرى ئېچىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە Show ، يەنى ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئومۇملىشىپ كەتتى. . ئەزەربەيجاننىڭ سەھرالىرىدىكى كاۋاب پىشۇرۇش ماھارەتلىرىدىن تارتىپ، مايلىرى ئېقىپ تۇرغان ئۆزبېك پولولىرىنىڭ دۈملىنىش ئۇسۇللىرىغىچە، تالانت سەھنىسىدە جېكسوننى دورىغان چەت ئەللىك ئۇسسۇلچىدىن تارتىپ، ھىندىستانلىق ئايالنىڭ ناخشىسىنى ئەينەن دوراپ ئېيتقان ئەر ناخشىچىنىڭ كارامەتلىرىگىچە ھەممىنى توردا كۆرۈپ، جاھاننى بىر ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ.  مېڭىمىزدىكى دوپامىن ئارتقانچە ئارتىپ، شادلىق خۇمارىمىز كۈچەيگەنچە كۈچىيىپ، كاللىمىز گويا ئوڭدا يېتىپ جاھاننىڭ چۈشىنى كۆرۈۋاتقان ئەپيۇنكەشنىڭ كاللىسىغا ئوخشاپ قالدى.
ئۆزەمنى ئالساممۇ، تور كېزىدىغان ۋاقتىم كىتاب ۋاراقلايدىغان ۋاقتىمدىن كۆپ.  Show بىلەن خوشۇم يوق، ئەمما باشقىلار مەن چالغان تەمبۇر، دۇتتارنىڭ، ئوقۇغان ناخشامنىڭ ۋىدىيوسىنى تورغا چىقىرىۋەتتى، گەپ قىلمىدىم. بىراۋلار ئۆزىنىڭ مۇخبىرىغا ئايلىنىپ كەتسە، ماڭغان تۇرغان، يېگەن-ئىچكەننىڭ ھەممىسىنى خەۋەر قىلىپ ماڭسا، بۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسى دەپ قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ. توردا قانچىلىك ئۆزىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز شۇنچىلىك گەپكە قالىسىز، بۇ خۇددى نازۇ-نېمەتلەرنى داستىخانغا تۆكسىڭىز، ئوچۇقچىلىقتا ھەسەل ھەرىلىرىمۇ، چىۋىنلارمۇ كېلىپ قونۇپ، ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ، پوقىنى قالدۇرۇپ قويغاندەكلا بىر ئىش. توردا ھەر قانچە تونۇلۇپ كاتتا ئادەمگە ئايلىنىپ كەتسىڭىزمۇ، ئۆلۈپ 50 يىل، 100 يىل ئۆتمەيلا تامامەن ئۇنتۇلىدىغان گەپ. بارلىق ئىنسان يوقىلىدۇ، يەر شارى گۇمران بولىدۇ، ۋەيران بولمايدىغاندەك كۆرۈنگەن خىتايمۇ چىرىپ تۈگەيدۇ، يوقىلىدۇ، ئەڭ ئۇلۇغ ئارمىنىمىز بولغان مۇستەقىللىقمۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ئۆلگەن چاغدا ئۆلىدۇ. يىراقنى ئويلىغاندا شۇنداق بولىدۇ، يىراقنى ئويلاش تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا باغلىق، تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇر بولۇشى كىتاب ئوقۇشقا باغلىق. شۇغىنىسى، كىتاب ئوقۇشىمىز چاغلىق.
كىتاب ئوقۇشنى خىيال قىلساملا ھېلىقى ئامېرىكالىق ئايال ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە نۇرلۇق، كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئويلىنىشلىرى شۇنچە سىرلىق. ئۇ ئاپتوبۇستىن چۈشكەندە كىتابىنى سومكىسىغا سېلىپ، ۋەزمىن قەدەملەر بىلەن پېنتاگون (بەش بۈرجەكلىك بىنا) نىڭ يېنىدىكى بېكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. مەنمۇ شۇ يەردە مېتروغا چىقىمەن، بۇ مېترونىڭ يەر ئاستىغا چۈشىدىغان توك پەلەمپىيى بۇزۇلۇپ قالغىلى ئىككى ئاي بولدى، ئوڭشاپ بولالمىدى. خىتاي بولغان بولسا، ئىككى كۈندە ئوڭشاپ بولاتتى. پېنتاگون يىلىغا نەچچە مىڭ مىليارد دوللار خەجلەيدىغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇن ۋە قورالنى باشقۇرىدىغان يەر، ئەمما شۇ بىنانىڭ يېنىدىكى پەلەمپەي بۇزۇق، نېمىشقا پۇلنى بۇ يەرگە ئىشلەتمەيدۇ دەيمەن. ئەگەر بىر پەلەمپەينى ياسىشى بۇنداق ئاستا بولسا، خىتاي ھامان ئامېرىكادىن ئېشىپ كەتكۈدەك دەپ ئويلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بار. بەلكىم مېنىڭ كاللام يەتمەيدىغان ئىشلار نۇرغۇن. مەندەك كىتاب ئوقۇمايدىغانلار بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى ئىشلارنىلا كۆرۈپ، ماھىيەتنى كۆرەلمەسلىكى، خىتاينىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشى»گە قاراپلا، ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.
كىتاب ئوقۇش نېمىشقا تېلېفون ئويناشتىن مۇھىم؟ دەپ سوراشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق. مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ. ئەمما خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىزنى كىتاب ئوقۇشتىن زېرىكتۈرگەنلىكىنىمۇ بىلىمىز.
1. كىتاب ئوقۇش مېڭىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. مېڭىدىكى نېۋرونلارنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ھېچنېمە يېتەلمەيدۇ. كۇۋانتوم ئۇقۇمىنى بىلىدىغانلار بۇنى بىلىدۇ. ئېلان ماسك ئوتتۇرىغا قويغان «كۋانتوملۇق سۈنئىي ئەقىل» پىلانى دەل شۇ ئىدىيەنىڭ ھاسىلاتى.
2. كىتاب ئوقۇش تەپەككۇرنى باي قىلىدۇ. بىر نېگىرنىڭ چىرايىغا قارىساق ئافرىقىنىڭ ئوتتەك ئىسسىقىنى ئويلايمىز. مانا بۇ تەسەۋۋۇر. خىيالىمىز بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. «ئەقىل» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىمۇ ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىگە باغلاش دېگەنلىك بولىدۇ. كىتاب باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ياكى تەسەۋۋۇرىنى بىزگە سۇنىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى ۋە بىلىمىنى بېيىتىمىز.
3. كىتاب بىزنىڭ روھىمىزنى ئۈستۈن قىلىدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي تۈرمىسىدە دات-پەرياد چېكىۋاتقان كۈنلەردىمۇ كەلگۈسىدە يازىدىغان كىتابىنى ئويلاپ روھىنى ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭ «مەھبۇس روھلار» دېگەن كىتابىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىدىكى سەۋەبنىمۇ، قاماقتا ئۆتكەن ھاياتىدا تىندۇرما بولۇپ ساقلانغان مەنىۋى كۈچنىڭ، ئازادلىققا چىققاندىن كېيىن پارتىلىشى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
4. كىتاب بىزنىڭ سىرداش دوستىمىز، بۇ تولا دېيىلىپ كەتكەن گەپ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىتىنى كىتاب ئوقۇغانلارلا بىلىدۇ. ئۆمرۈمدە دوستۇم كۆپ بولدى، ئەمما ھەممىسى دېگۈدەك زامان ئېقىمىدا غايب بولدى. ھالبۇكى، كىتاب ھەر قاچان يېنىمدا بولدى، كۆپلىگەن ئاپتورلار—يازغۇچىلار، شائىرلار، ئاكادېمىكلار بىلەن سىرداش بولدۇم، بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتتى، تېخىمۇ دىلكەش بولدۇم. مەسىلەن، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شۇلارنىڭ بىرى. كىتاب ئوقۇيدىغان، مۇزىكا ئاڭلايدىغان ئادەمنىڭ روھى باي كېلىدۇ، يالغۇز قالسىمۇ دوستسىز، ھەمراھسىز قالمايدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ئۆزى يېتىدۇ، ھېچكىمگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ. خۇسۇسەن مەن،  مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇسام نۇرمۇھەممەد تۇرسۇننىڭ تەمبۇرىنى ئاڭلىغاندەكلا زوقلىنىمەن. شۇغىنىسى، ئايفون پەيدا بولغاندىن كېيىن، كىتابتىن ماڭا سىرداش بولىدىغان دوستلار ئازىيىپ، سازچى، ناخشىچى، چاقچاقچى دوستلىرىم كۆپىيىپ كەتتى.  ئايفوندىمۇ كىتاب ئوقۇپ باقتىم، ئەمما ئۈن-سىن تاماشىلىرى ئېغىر بېسىپ كەتتى.
كىتابنىڭ پايدىلىرى سۆزلىگەنگە تۈگىمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ تالادا، سافادا، خالادا تېلېفونغا قاراپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدىن كۆپ. بۇنى تۈزىتىمەن دەپ تالاي قېتىم قەسەم قىلدىم، تىرىشىپ باقتىم، ئەمما مېڭەمدىكى شادلىق ھورمۇنى مېنى ھە دەپ تېلېفونغا سۆرەپ خاپا قىلدى. بۇنى زامانىۋى كېسەللىك دەمدۇق، قۇتۇلغىلى بولماس شادلىق خۇمارى دەمدۇق، ياكى كىتابقا قارىغاندا تېلېفوندىن كۆپ، ھازىرجاۋاب ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەمدۇق، ئىشقىلپ، تېلېفون يامان چىقىپ كەتتى. ھەممە ئادەم تېلېفوننىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەسىر بولغان بۇ زاماندا ئەڭ يامان نەرسە تېلېفوننىڭ ئۆزى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى يېڭەلمەسلىك ئاجىزلىقىدۇر دەپ قارايدىغان بولدۇم.

تېخىدىنمۇ كۆپ كۆرسىتېڭ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button