
تەمبۇرغا بولغان ئىشقىم 16 ياش چېغىمدا باشلاندى، ئۇ دەل بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭى ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، بىزنى كونا ئوقۇغۇچىلار كۈتۈۋالىدىغان بولدى، كۈتىۋېلىش كېچىلىكىدە بىزنىڭ سىنىپتىن نومۇر ئورۇنلايدىغان بىر قىز، بىر ئوغۇل چىقتى. ئۇ ئوغۇل مەن ئىدىم. نېمە چالىسەن دېدى مۇئەللىم، دۇتار چالىمەن دېدىم. دۇتار يوق، تەمبۇر بار دېدى. تەمبۇر بولسىمۇ چالىمەن دېدىم. فاكۇلتېتتا بىر تەمبۇر بار، ئاپىرىپ مەشىق قىل دېدى. تەمبۇرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، بېشى پارقىراپ تۇرىدىغان، سىملىرى تولۇق، پەدىلىرى جايىدا، نەقىشلىرى كۆركەم، ئېگىزلىكى مۈرەمگە كېلىدىغان يوغان تەمبۇر ئىدى، قۇلاقلىرىنىڭ ئورنىغا گىتارنىڭ قۇلىقى ئورنىتىلغان بولۇپ، بىر قاراشتا زامانىۋى كۆرۈنەتتى. بۇ تەمبۇرنىڭ قاچانلاردا بېيجىڭغا، بۇ فاكۇلتېتقا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتىم، پروفېسسور خەمىت تۆمۈردىن قالغان تەمبۇر بۇ، چېقىپ قويما دېدى ئۇلار.
بۇ تەمبۇرنى ئېلىپ كېتىپ، دۇتارغا ئوخشىتىپ چېلىشقا باشلىدىم، ئەمما قولۇم ھېچ قولاشمىدى، باشقىلارغا ئۆزەمنى كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىم ئاقمىدى. ئالدىدىكى ئىككى سىمغا زەخمەك ئۇرۇپ، ئاددىي پەدىلەرگە چالالىغان بىلەن، بەش سىمنى تولۇق تەڭشەپ، راۋان ھەم مۇڭلۇق چالالمىغاچقا، بۇ سەۋىيە بىلەن باشقىلارغا نومۇر كۆرسىتىپ كۈلكىگە قېلىشتىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.
تەمبۇر مېنىڭ ياتىقىمدا پەيدا بولغاندىن كېيىن، ساز-پازدىن ئانچە خەۋىرى بارلار قېشىمغا كېلىپ ئۇنى تىرىڭشىتىپ باقىدىغان بولدى، گىتار چالىدىغانلارمۇ ئۇنى بىرەر ناخشىغا كەلتۈرۈپ بېقىشقا تىرىشاتتى. شۇ چاغدا بىرى ماڭا 89-يىللىق رۇس تىلى سىنىپىدىن مۇختەر ئىسىملىك بىرىنىڭ دۇتار، راۋاپ، تەمبۇر دېگەننى كارامەت چالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەمبۇرنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ياتىقىغا باردىم، بىز بىر قەۋەتتە ئىدۇق. مۇختەر قەشقەرلىك بولۇپ، دوغىلاق كەلگەن، گەپنى ئالدىرىماي قىلىدىغان، خۇش پېئىل يىگىت ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ، قولۇمدىكى تەمبۇرنى ئېلىپ خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان تەشنا بولغان بىر نەرسىگە ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ كەتتى.
مۇختەر غۇلجا بىلەن قەشقەرنىڭ بىر قانچە ئاھاڭىغا چالدى، مەن ئۇنىڭ ماھارەت بىلەن چېلىۋاتقان، ناخۇن ئۇرۇۋاتقان قوللىرىغا قارايتتىم. ئۇنىڭ چالغانلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۆزەمنىڭ ئەمەلىيەتتە تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بايقىدىم. بۇ ھالىم بىلەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش كېچىلىكىدە تەمبۇر چېلىپ چىقالمايتتىم. ئەمما كېچىلىككە چوقۇم بىر نومۇر تەييارلىشىم كېرەك ئىدى، بولمىسا مۇئەللىم ئالدىدا بەرگەن ۋەدەمگە، فاكۇلتېتتىن ئارىيەت ئالغان بۇ تەمبۇرغا يۈز كېلەلمەيتتىم.
مۇختەر مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندى، ماڭا ئىلھام بەردى. كېچىلىكتە ئۇ غۇلجىنىڭ «ئايدىڭ كېچىلەر» دېگەن ناخشىسىغا چالىدىغان، مەن ئۇ ناخشىنى ئورۇنلايدىغان بولۇپ كېلىشتۇق ۋە بىر نەچچە قېتىم مەشىق قىلىپ، ئوبدانلا ماسلىشىپ قالدۇق.
مەكتەپتىكى «3-ئاشخانا» دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىكتە كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى، «91-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز» دېگەن لوزۇنكا بىز يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى بۆلەكچە ھاياجانغا سالاتتى. ساۋاقدىشىم مۇنىرە باشتا سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئارقىدىن ناخشا ئېيتتى. چوڭ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى چاقماق ئۇسۇلى ئوينىدى. ئاندىن نۆۋەت ماڭا كەلدى، مەن سەھنىگە چىقىپ، ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇۋېتىپ، ھاياجاندىن ئىتتىك سۆزلەپ، كۈلكىگە قالدىم. ئەمما بۇ كۈلكە ھەممەيلەننىڭ مېنى توغرا چۈشەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن سەمىمىي كۈلكە ئىدى، مەن دەررۇ ئۆزەمنى رۇسلاپ، مۇختەرگە قارىدىم. مۇختەر «ئايدىڭ كېچىلەر»گە چېلىشنى باشلىغان ھامان تەمبۇرنىڭ ئاۋازى مىكروفون دولقۇنلىرى ئارقىلىق زالنى بىر ئالدى، ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. مەنمۇ ناخشامنى باشلاپ، غۇلجىلىقلاردەك مۇڭ كەلتۈرۈپ ئوقۇشقا باشلىدىم:
ئايدىڭ كېچىلەر گۈلشەنلەر ئارا،
بۇلبۇل سايرايدۇ خۇش ناۋا بىلەن…
ئارتۇق ھاياجاندىن، ناخشىنىڭ ئەۋجىدە ئاۋازىم بىر ئاز ئوسەي كەتتى، ئەمما بۇ كەمچىلىكنى تەمبۇرنىڭ جاراڭلىق ساداسى تولۇقلاپ كەتتى.
«ئىشچان يارىمنى كۆرگۈم كېلىدۇ،
ئانار مەڭزىگە سۆيگۈم كېلىدۇ…
شۇنداق قىلىپ، بۇ ناخشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان بولدۇم ھەمدە ھەر قانداق ناخشىچىنىڭ پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان كەمچىلىكىنى ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنغان ساز-مۇزىكىنىڭ تولۇقلاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇختەر بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇم، ئەمما تەمبۇر يەنىلا مېنىڭ يېنىمدا ئىدى. ھەر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ تاماق يەپ ياتاققا قايتىپ كەلگەندە ئۇنى بىر ئاز تىرىڭشىتىپ، مۇختەرگە ئوخشاش چېلىشقا تىرىشىپ باقىدىغان بولدۇم. ئەمما ياتاقداشلىرىم تاماق يەپلا كارىۋىتىغا چىقىپ ئۇخلايدىغان بولغاچقا ئۇنى ئۇزاق چالالمايتتىم، بەزىلىرى ھەتتا «چالساڭ تۈزۈك چال، بولمىسا بېشىمىزنى ئاغرىتما» دەيدىغان بولدى. مەكتەپ سەيناسىغا چىقىپ، چىملىقتا ئولتۇرۇپ چالاي دېسەم، باشقىلارنى جەلپ قىلغۇدەك بىرەر پەدىگە چالالمايتتىم. نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتە ئىچىم پۇشۇپ يۈردى، تەمبۇرنى مۇختەرگە بېرىپ تۇرغىلىمۇ بولمايتتى، فاكۇلتېتقا قايتۇرۇپ بېرىشكە تېخى كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى ۋە سېھرى مېنى ئاللىقاچان ئەسىر قىلىۋالغانىدى، دەرسكە ماڭسام، يانسام، ئولتۇرسام قوپسام ئۇنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئىچىمدە جاراڭلايتتى، قولۇم ئىختىيارسىز مىدىرلايتتى، تىترەيتتى.
ياتاقتا يالغۇز قالغان چېغىمدا بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم تەمبۇرغا ئېسىلىش، بىلىدىغان پەدىلەرگە چېلىش، زەخمەكتىن قۇتۇلۇپ ناخۇن بىلەن چېكىش ئىدى. تەلىيىمگە شۇنىڭدىن كېيىن تەمبۇر مەندە قالدى ۋە فاكۇلتېتتىن ھېچكىم ئۇنى سۈرۈشتۈرمىدى. بىر ھېسابتا ئۇ تەمبۇرنى مەن «بېقىۋالدىم». يىل ئۆرۈلدى، تەمبۇرنىڭ قاتتىق پەدىلىرى ۋە تارىلىرىغا كۆنگەن قولۇم خېلىلا ئەيۋەشكە كېلىپ قالدى. سورۇنلاردا بىر-ئىككى پەدىلەرگە چالالايدىغان بولدۇم. ساۋاقدىشىم ئۈمىد غەنى («كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى) غۇلجىنىڭ بىر-ئىككى پەدىلىرىگە تىرىڭشىتىپ، ناخشا ئوقۇيتتى. ئەمما تولىراق مەن چالاتتىم.
ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلى، بىزگە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان ئابدۇرەئوپ پولات ماڭا لۇغەت كۆچۈرىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بەردى. بۇ ئىشخانىدا بىر كىشىلىك قاتتىق كارىۋات بار ئىدى، يېزىق ئۈستىلى بىلەن ئەتراپىدىكى ئىشكاپلار كىتاب-ژۇرناللار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. مەن چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ، بۇ ئىشخانىغا كىرىپ پروفېسسور خەمىت تۆمۈر بىلەن ئابدۇرەئوپ پولات تۈزگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» سۆزلۈكلىرىنى ئىش قەغىزىگە پاكىز كۆچۈرۈشكە باشلىدىم. لۇغەتنىڭ سۆزلۈكلىرى ئالقاندەك كېلىدىغان كارتىلارغا يېزىلىپ، ھەرپلەر بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ، كاتالوگ كورۇپكىسىغا سېلىنغان بولۇپ، مەن ئۇ كارتىلارنى بىر-بىرلەپ چىقىرىپ، ئىش قەغىزىگە رەت-رېتى بويىچە، چېكىت-پەشلىرىنى كەم قىلماي، چىرايلىق كۆچۈرەتتىم. خېتىمنىڭ چىرايلىق بولۇشى سەۋەبىدىن بېرىلگەن ئۇ ئىشنى دەسلەپتە مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەتتىن قوبۇل قىلغانىدىم، كېيىن ئۇنى شۇ ئىشخانىدا يالغۇز قېلىپ تەمبۇر چېلىش، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ بىلدىم. ئەمما بۇ ئىنچىكە ۋە جاپالىق ئىشنىڭ بىر يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ۋاقتىم، زېھنىم، كۆز نۇرۇم ۋە سالامەتلىكىمنىڭ ئىسراپ بولىدىغانلىقىنى ئۇ چاغدا كۆرۈپ يېتەلمىگەن ئىكەنمەن. ھازىر ئويلاپ باقسام، خاراپ بولغان شۇ بىر يىلىمدا مېنى ئاشۇ ئىشخانىغا باغلاپ تۇرغان نەرسە تەمبۇر بىلەن كىتاب ئىكەن. ئاشۇ ئىشخانىدا لۇغەت كۆچۈرۈپ چارچىغاندا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىم تەمبۇر چېلىش، ئاندىن يېڭى كەلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇش ئىدى. ئابدۇرەئوپ ئەپەندى ناھايىتى زىل ئادەم ئىدى، كىتاب ۋە ژۇرناللار ئۈستىگە «بۇ يەرگە تەگمەڭ» دەپ يېزىپ قوياتتى، ئەمما مەنمۇ زىل ئىدىم، ئۇلارنى پەم بىلەن ئېلىپ ئوقۇپ بولۇپ، جايىغا قويۇپ قوياتتىم. «بابۇرنامە» يېڭى چىققاندا شۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ۋاراقلىغان، بابۇرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى تەشۋىشلىرىنى ئوقۇپ ، گويا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆلۈمدىن بىخەۋەر يۈرۈپ توساتتىن ئويغانغاندەك چۆچۈپ كەتكەن، شۇ قورققانچە ئۆلۈمگە قانداق يۈزلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە ئويلانغان، ئاش-تامىقىم ئازلاپ كەتكەن، ئاندىن ئۆزەمگە تەسەللىي ئىزدەش ئۈچۈن پەيلاسوپلارنىڭ ئۆلۈم ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى توپلىغانىدىم .
مەن يەنە بۇ ئىشخانىغا كېلىدىغان «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ ھەر سانىنى قويماي ئوقۇيتتىم؛ قىلىۋاتقان ئىشىم لۇغەت كۆچۈرۈش بولغاچقا، تىلشۇناسلىق، تەرجىمە ئىشلىرىغىمۇ قىزىقىشقا باشلىغانىدىم. تارىختا ئەجدادلىرىمىز ئىشلەتكەن، ھازىر ئەدەبىي ئەسەرلەردە، بولۇپمۇ شېئىرلاردا كېلىدىغان «ئىشتىياق»، «بەرق»، «مەۋج»، «زەرەپشان» دېگەندەك سۆزلەرنى ئايرىم دەپتەر تۇتۇپ كۆچۈرەتتىم. سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىگە شۇ قەدەر قىزىقىپ قالغانىدىمكى، «ھارامزادە» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىدە «ھارامدىن بولغان بالا» دېگەن مەنىنى، «نامرات» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىدە « نامۇراد، يەنى مۇرادىغا يېتەلمىگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى شۇ لۇغەتتىن بىلىۋالغانىدىم.
ئون بەشىنچى بىناغا جايلاشقان بۇ ئىشخانىنىڭ يېنىدا ئىمام مۇئەللىم، ئۇنىڭمۇ سول تەرىپىدە ئىلھام توختى مۇئەللىم، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىن ئىككى ياتاق نېرىسىدا ئالىمجان مۇئەللىم ئولتۇراتتى. كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياتاقتىن 20 نەچچە ياتاق بولۇپ، ھەر بىرىدە بويتاقلار ۋە يېڭى توي قىلغان مۇئەللىملەر ئولتۇراتتى. ئۇلار كارىدوردا تاماق قىلاتتى، ھاجەتخانا بىلەن سۇخانىنى ئوپچە ئىشلىتەتتى. ئالىمجان مۇئەللىم غۇلجىلىق بولۇپ، مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى ئىدى؛ دۇتار، تەمبۇر، راۋابلارنى يۇقىرى سەۋىيەدە چالاتتى، مەكتەپتىكى ھېيتلىق، نورۇزلۇق پائالىيەتلەردە نومۇر كۆرسىتەتتى. مەن گاھىدا ئۇنىڭ ئۆيىدە ياكى ئىمام مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا چالغان تەمبۇرىنى ئاڭلاپ قالسام، بۆلەكچە زوقلىنىپ كېتەتتىم.
توقسان ئىككىنچى يىل بولسا كېرەك، بېيجىڭ مىللەتلەر سارىيىدا مۇقام كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. دىيارىمىز مۇقام ئانسامبىلىدىكى سەنئەتكارلار مىللەتلەر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ زالىدا ئويۇن قويدى. تاماشىبىنلار بەك جىق بولغاچقا، بىز ئارقىدا تۇرۇپ ئاڭلىيالىدۇق. بىر تەمبۇرچى (نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن بولسا كېرەك) تەمبۇرنى قالتىس چېلىۋەتتى. ئەتىسى ئاخشىمى مۇقامچىلار، سازەندىلەر ئىمام مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدىكى سورۇندا جەم بولدى، تەمبۇرچىلار تەمبۇر چالدى، ئوسمان ئەمەت مۇقام ئېيتتى. تەلىيىمگە مەن شۇ چاغدا ئىشخانىدا ئىدىم، قوشنا ئۆيدىن ياڭراۋاتقان مۇقام ساداسى، تەمبۇر ئاۋازىغا پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن قۇلاق سېلىپ، تاكى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆچكەندە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
بىر كۈنى كەچتە ئىشخانىدا تەمبۇرنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇرسام، ئىمام مۇئەللىم بىلەن ئالىمجان مۇئەللىم كەيىپ ھالەتتە كىرىپ كەلدى.
_ تەمبۇرچى بۇ يەردىكەنغۇ،_ دېدى ئالىمجان مۇئەللىم يېنىمغا كېلىپ،__ قولۇڭ خېلى كەپ قاپتۇ، ئەكە، ماڭا بەر…
ئالىمجان مۇئەللىم قولىغا ناخۇن باغلاپ، بىر-ئىككى پەدە چالدى، ئۇنىڭ قوللىرى پەدە ئۈستىدە موكىدەك ئوينايتتى، قوش تارىغا چەككەن ناخۇنلىرى ھېچ تېيىلماي- تاقاشماي، دەل جايىغا، بەلكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىغا تېگەتتى. ئۇ پەدىگە قارىماي چالاتتى ۋە كۆزلىرى سورۇندا ئىچكەن ھاراقتىن ئەمەس، مۇڭدىن كەيپ بولۇپ يۇمۇلۇپ كەتكەنىدى. كېيىنكى يىللاردا مەن ۋىدىيولاردىن نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭمۇ ئاشۇنداق كەيىپ بىلەن، مۇڭ بىلەن چالىدىغانلىقىنى، چالغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كېتىدىغانلقىنى كۆردۈم. ھازىر بولسا غۇلجىدىكى ياقۇپمۇ، شۆھرەت ئالىممۇ، ئۈرۈمچىدىكى ئابدۇۋەلى ساتتارمۇ شۇنداق چالىدۇ. جانسىز ياغاچ ۋە نەچچە تال سىمدىن مۇڭ چىقىرىش ئاسانمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىشتىياقى ۋە مۇھەببىتىنى بېغىشلاش، يىللاپ-يىللاپ مەشىق قىلىش، قوللىرى قاناپ، ئالقانلىرى زېدە بولۇپ كەتسىمۇ چىداش كېرەك.
توقسان ئىككىنچى يىل كۈزدە، ئۇيغۇر تىلى سىنىپىغا كەلگەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ سىنىپتا ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئالدىدا ئەمىتىكامنىڭ پولوسىنى يېيىشكە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا قىستىلىپ، قەشقەردىن تۈنۈگۈن چىققاندەك جاراڭلىق تەلەپپۇزدا «ئەمىتىكا، مانتىدىن بەشنى» دېگەن سۆزى ئارىمىزدا مەشھۇر ئىدى. مەن ئۇلارنى كۈتىۋېلىش كېچىلىكىدە تۇنجى بولۇپ تەمبۇر چالدىم، ناخۇن باغلاپ چالدىم، چېكىپ چالدىم، ھاياجاندا چالدىم، فاكۇلتېتتىكىلەرگە <مانا بۇ تەمبۇرنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرمەي مەشىق قىلغىنىمنىڭ نەتىجىسى، ئەگەر تەمبۇرنى مەندىن ئېلىۋالمىساڭلار، كېلەر يىلى بۇنىڭدىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە چېلىپ سەھنىگە چىقىمەن، نورۇز بايرىمىدا چىقىمەن، قۇربان ھېيت بايرىمىدا چىقىمەن، ھەتتا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ نومۇر كۆرسىتىمەن» دېگەن ئۇچۇرنى بەردىم.
بۇ نومۇرۇم ئالقىشقا سازاۋەر بولدى، ئەمما ئەتىسى مۇختەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ ماڭا، «ئاخشام چالغان تەمبۇرۇڭنىڭ ئاۋازى ناھايىتى سەت چىقتى، بەك يۇقىرى تەڭشىۋېتىپسەن» دېدى، كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئەمما بەلكىم مېنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم. ھالبۇكى، مۇختەرنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى، تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى زىل چىقىرىمەن دەپ ئۆلچەمسىز تەڭشەپ قويغان، ناخشىنىمۇ يۇقىرى ئاھاڭدا باشلاپ، ئەۋجىگە كەلگەندە ئاۋازىم يەتمەي قالغىلى تاس قالغانىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇختەر بىلەن جىق كۆرۈشمىدىم. ئەمما ئۇستىلاردىن كۆرۈۋالغىنىم بويىچە چېلىپ، ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى ئاڭلاپ چېلىپ، تەمبۇرچىلارنىڭ چالغانلىرىغا ئوخشىتىپ چېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە قۇلاققا خۇش ياققىدەك بىر سەۋىيەدە چېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم؛ چالغانچە ئىشتىياقىم كۈچەيدى. «ئىشتىياق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «سېغىنىش، تەلپۈنۈش» دېگەنلىكتۇر. ئىنسان بىر نەرسىنى چىن دىلىدىن سۆيگەن چاغدا ئۇنى سېغىنىدۇ، ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. ئەگەر ئىشتىياق كەيىپ-خۇمار دەرىجىسىگە يەتسە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر مەندە شۇ ئىشتىياق بولمىغان بولسا، قولۇمنى توختىماي زېدە قىلىپ، چالالمىسام ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ئازاب سالغان شۇ تەمبۇرنى ئاللىبۇرۇن فاكۇلتېتقا ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولاتتىم.
شۇ يىللاردا تەمبۇرغا بولغان ئىشتىياقىمنى كۈيلەپ مۇنداق بىر شېئىر يازغانىدىم:
پۇچۇلاندى ھەسرىتىم ھەيھات، سېنى قولغا ئالاي تەمبۇر،
ئالەمچە زوق پەيزىم بىلەن مۇڭلىنىپ چالاي تەمبۇر.
تاراپ كەتسۇن تۈتەك ئىسلار قەلب ئاسمىنى پاك بولسۇن،
دەرت-ئەلەمدىن شىپا ئىزدەپ كۆڭۈلنى شاد قىلاي تەمبۇر.
بىر نەپەس دەرتمەنگە قولداشسەن، بىناۋاغا يولداشسەن،
سېنىڭ بىرلە ئادەممەن، ئاڭا جان ئاتاي تەمبۇر.
ھەر ناخۇن ئۇرۇلغاندا نىچۈن تار تىترىشىڭ مۇڭلۇق،
ئېزىك باغرىمنى شاد ئەيلەپ، كۈي لەرزىگە قاتاي تەمبۇر.
مۇقام ئېيتسام سوزۇپ لەرزان چۈشەر ئېسىمگە ئەجدادىم،
ئۇلاردىن كۈچ ئېلىپ چەكسىز، روھىنى خۇش قىلاي تەمبۇر.
كى مۇقام بىرلە كۆيگەنغۇ ئابدۇرەشىدخان نەفىسەگە،
پاك سۆيگۈنىڭ ئەلچىسى دەپ ساڭا باش قوياي تەمبۇر.
توقسان تۆتىنچى يىل بېيجىڭدىكى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا بىر سىنىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كەلدى؛ ئوغۇللىرى كېلىشكەن، قىزلىرى چىرايلىق، ھەممىسى بىر-بىرىدىن تالانتلىق بالىلار ئىدى. راھمانجان ئاۋۇت ئۆز ھال بىلەن تونۇشتۇق، ئۇ قەشقەر سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەمبۇرىنى بىللە ئېلىپ كەلگەنىدى. مەكتىپىمىزگە كېلىپ، ياتاقتا ماھارەت كۆرسەتتى، مىرزات ئالىمنىڭ يېڭىدىن مودا بولغان ناخشىسى «تار كوچا»نى چېلىپ، ناخشىسىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى سەۋىيەسى مەندىن يۇقىرى ئىدى، ناخشىنى دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، ياڭراق ئاۋازدا ئېيتاتتى. كېيىن بىلدىمكى، ئۇنىڭ دۇتار چېلىشتىكى ماھارىتى تەمبۇرغا باققاندا يۇقىرى ئىدى.
بېيجىڭدىكى 5 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا تەمبۇرنى ھەمراھ قىلىپ، ھېيت-بايرامنى تەبرىكلەش كۈنلىرىدە سەھنىلەردە چالدىم؛ تالاي سورۇنلاردا مەستلەرنى يىغلىتىپ، غۇلجىلىق بالىلارنى خۇش قىلدىم؛ بەزىدە تاڭ ئاتارغا يېقىن تارقىغان سورۇنلاردا ياتاققا كىرەلمەي كوچىدا قالدىم؛ نەگە بارسام تەمبۇرنى قولتۇقلاپ مېھرىم بىلەن ئاسراپ، پەدىلىرى بۇزۇلۇپ كەتسە ئوڭشاپ، تارىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتسە ئۇلاپ، بىر يەرلىرى سۇنمىسۇن دەپ ئاۋايلاپ، ھەر چالغاندا ئۇنىڭدىن زوقلىنىپ ياشىدىم. ئەمما ئۇنى چېلىپ بىرەر قىزنى ئۆزەمگە ئاشىق قىلالمىدىم، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ، ھەسرىتىمگە داۋا، دەردىمگە شىپا ئىزدىدىم.
مەن شۇ يىللاردا مەرھۇم تەمبۇر پېشىۋاسى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ تەمبۇر مۇزىكىلىرىغا مەستانە ئىدىم، يېڭى چىققان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى تېپىۋالسام، قايتا-قايتا ئاڭلايتتىم. راھمانجان ئاۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ياكى ئاممىباپ بولسۇن ھەر قانداق مۇزىكىسىغا پىششىق بولۇپ، ھەر كۈنى 5-6 سائەت تەمبۇر چالىدىكەن. تارىخىنى ئاختۇرسام، تۇرسۇن چاڭنىڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەد كىچىكىدىنلا كەم ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسى بولۇپ، بۇرۇن غۇلجىدا ئۆتكەن روزى تەمبۇر، ھاسان تەمبۇرلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ تەمبۇر چېلىش ئۇسۇللىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن؛ 12 مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى ۋە ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، قەشقەر ئاھاڭلىرى ۋە باشقا ئۇسلۇبتىكى ناخشىلارغا، ھەتتا چەت ئەل ناخشىلىرىغىمۇ چېلىپ ئۈلگە كۆرسەتكەن. بىلىشىمچە، ئۇ تەمبۇردىنمۇ گىتارغا ئوخشاش ئاككوردلۇق ئاۋاز چىقارغىلى، چېلىش شەكلىنى خىلمۇ خىل ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى، رېتىم بىلەن مەرغۇلنى ئۇستىلىق بىلەن بىر-بىرىگە يۇغۇرۇۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەڭ باشتا كۆرسەتكەن مۇزىكانت. رېژىسسور تاھىر ھامۇت ئۇنىڭ بىلەن ۋىدىيو ئىشلەش داۋامىدا كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان بولۇپ، بىر خىتاي مۇزىكانت ئۇنىڭ نوتا بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالغانىكەن. نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ جاۋابى تېخىمۇ ئاجايىپ بولۇپ، «نوتا دېگەن مۇزىكا بىلمەيدىغانلارنىڭ ئىشى» دېگەنىكەن. دەرۋەقە، ئۇنىڭغا ئوخشاش تالانتلىق مۇزىكانتلار ھەر قانداق مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئەستە تۇتىدۇ؛ كۈي-ئاھاڭلارنى تەبىئىيلا يادلايدۇ؛ نوتىغا قاراپ قالمايدۇ؛ ساز چالغاندا ئىچىدىكى كۈيلەر تاشقىن بولۇپ ئاقىدۇ ۋە قەلبىدىكى تۇيغۇ، مۇڭلارنى بىللە ئېلىپ چىقىدۇ. «دىل كۈيى»نىڭ ئاھاڭى، رېتىم ۋە مىلودىيەسى مۇقىم، ئەمما بۇ ئاھاڭنى بىر قېلىپتا ئەمەس، يېڭىلىققا تولۇپ تاشقان شەكىلدە ئىجرا قىلىش پەقەت ئۇنىڭ ئىجراسىدا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ ھەر قېتىم چالغان «دىل كۈيى» بىر-بىرىدىن پەرقلىق، بىر-بىرىدىن گۈزەل، بىر-بىرىدىن مۇڭلۇق چىقتى.
نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن 2000-يىللىرى تەمبۇر كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە نەق مەيداندىكى ماھارىتىنى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى. كېيىن بۇ ۋەقە خىتاينىڭ «ئىدىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىگە باھانە قىلىندى. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ئامېرىكاغا چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلاش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئامېرىكاغا ماڭىدىغاندا بېيجىڭدىكى ئايروپورتتا توختىتىپ قويۇلغان، بېيجىڭدا ئۇنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇر ئالغان كاتىباشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ يولىنى ماڭالمىغان. ئەڭ يامىنى، شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ ئۇنى چەتكە قاققان. ئۇ كونسول كوچىسىدىكى بىر قەۋەتلىك ناچار ئۆيدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ۋە شۇ ئۆينىمۇ قامدىيالماي ئېغىر قىيىنچىلىققا پاتقان. 2004-يىل 12-ئايدا ئۇ بىر كېچىدە قاتتىق يۆتەلگىنىچە جان ئۈزگەن.
«ئىزدىنىش» تورىدا نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئوقۇغىنىمدا قاتتىق ئېچىنىپ ماقالە يازغانىدىم. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسى ئۈچۈن ئېغىر يوقىتىش بولغانىدى، ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايتتى. كېيىن بۇ مۇسىبەتكە ئاتاپ ئىشلەنگەن ۋىدىيونى كۆردۈم، ئۈرۈمچىنىڭ زىمىستان قىش پەسلى تېخىمۇ خۇنۈك، ئادەملىرىمىز تولىمۇ ئەبگا، بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى. جامائەت ئارىسىدا ھېسام قۇرباننىڭمۇ ياش تۆككىنىنى كۆرۈپ، تالانتنىڭ قەدرىنى تالانتلىقلار بىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن تەمبۇرچىلار يېتىشىپ چىقتى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتەلمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نۇرمۇھەممەت تۇرسۇندىن ئۆرنەك ئالغانىدى، ھەممىسى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىدى. ئۇ ھەقىقىي «تەمبۇر شاھى» ئىدى.
ئىككى مىڭىنچى يىل قەشقەرگە بارغاندا بىر تەمبۇر ئېلىپ قايتىپ، بېيجىڭغا كەلگىچە پويىزدا چالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ھەمراھ قىلىپ يىللارنى ئۆتكۈزدۈم. ئارىلىقتا «مۇزىكا ھارام» دېگەن خاتا پەتىۋاغا ئىشىنىپ يۈردۈم، تەمبۇرنى چېقىپ تاشلىمىغان بولساممۇ، ئۇنى بىر مەزگىل تاشلاپ قويدۇم. ساز-مۇزىكىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىگە شەك-شۈبھىسىز ئىشىنىشىم ئۈچۈنلا 10 يىلغا يېقىن ۋاقتىم كەتتى.
قەشقەردىن ئالغان ئۇ تەمبۇرنى 15 يىلغا يېقىن چالغاندىن كېيىن ماھارەتلىرىم خېلى ئۆسۈپ قالدى، ئەمما ئۇ تەمبۇر تامغا ئېسىپ قويغان يەردىن چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، بېشى چۇل-چۇل بولۇپ، ئەخلەتكە تاشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن نەچچە يىلغىچە تەمبۇر چالالمىدىم. 2018-يىل 4-ئايدا، بېيجىڭدىكى تەمبۇرچى ئالىمجان مۇئەللىم ئۆلۈپ كەتتى. نەزىرىگە بارغاندا ئاڭلىدىمكى، رەھمەتلىك تېخى 60 ياشقىمۇ بارمىغانىكەن، ھاراق ئىچىپ مەستلىكتە ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئۇ كۈنى نەزىر بولغان رېستۇراندا بىز نەچچە ئاي بۇرۇن سورۇن تۈزگەنىدۇق. ئالىمجان مۇئەللىم مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ۋە سورۇندا باشتىن ئاخىر بىر يۇتۇم ھاراق ئىچمىگەن، بىر-ئىككى پەدە ناخشا ئورۇنلىسام مېنى ماختاپ قويغانىدى. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى ئۇ ئائىلە خاپىچىلىقى دەستىدىن ھاراقنى تولا ئىچىدىغان، پات-پات غەرق مەست يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغانىكەن. ئۇ قانداقتۇر بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن دورا يەۋاتقان بولۇپ، دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ھاراق ئىچىپ، ئارقىدىن ئۇ ھاراق دورا بىلەن رىئاكسىيە قىلىپ، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يىقىلىپ، شۇ ياتقانچە قوپالماي ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئالىمجان مۇئەللىم 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بېيجىڭدىكى داڭلىق «ئەپەندى» رېستۇرانىدا راۋاب چالدى، ئۇنىڭ راۋابىغا مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئوبۇلقاسىم داپچى تەڭكەش قىلاتتى. ئۇ راۋاب چالسا، ئۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلگەن خىتايلار ۋە چەت ئەللىكلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتەتتى، نۇرغۇنلىرى مەخسۇس ئۇنىڭ شوخ پەدىلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن باراتتى. «ئەپەندى» رېستۇرانى تاماقلىرىنىڭ قىممەت بولۇشىغا قارىماي، سودىسى ناھايىتى گۈللەنگەن رېستۇران بولۇپ، ئالىمجان مۇئەللىم ئۇ يەردىن ياخشى تاپاۋەت قىلاتتى. شۇڭا ئۇ تەمبۇردىن كۆرە راۋابقا بەكرەك كىرىشىپ قالغان ۋە ئۆزبېك راۋابىنى چېلىشتا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ شۇنچە ئېچىندىم، بېيجىڭدا ئۇنداق ماھارەتكە يەتكەن، ئۇنداق كۆپ ناخشا بىلىدىغان سەنئەتكار يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ مەركىزىي مىلللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل بېيجىڭدا تەمبۇر، راۋاب چېلىش دەۋرى ئاخىرلاشقاندەك بولدى.
ئامېرىكاغا كېلىپ بىر يىلدىن كېيىن دوستلار ئارقىلىق قەشقەردىن بىر تەمبۇر، دۇتار ئەكەلدۈرۈپ چېلىشقا باشلىدىم. شۇندىن بۇيان بۇ سازلاردىن ئايرىلمىدىم. ئامېرىكادا قايسى ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بارسام بىرەر دۇتار بارلىقىنى كۆرىمەن، ئۇنى قولۇمغا ئالسام، ئۇيغۇرلۇق پەيزىگە چۆمۈلىمەن، ۋەتەن، مىللەت سېغىنىشلىرى دەۋرەپ كېلىدۇ، يات تۇپراقتا ئۆزەمنى تاپىمەن ۋە ئۆزەمگە غەرق بولىمەن. ئۆيدە چالدىم، تويدا چالدىم، چېركاۋدا چالدىم، سەھنىلەردە چالدىم، كىلاسسىك كۈي-ئاھاڭلارغا چالدىم، بۇرۇن ئۆگەنگەن مۇقامنى چالدىم، يېڭى مۇقاملارنى ئۆگەندىم، ئاڭلاپ تويمىدىم، ئۆگىنىپ قانمىدىم. ھەر ئۆگەنسەم زوقلىنىپ، تەرىپلەپ بولغۇسىز روھىي بايلىققا ئېرىشتىم. ئەڭ كۆپ چالغىنىم «دىل كۈيى»، ئەڭ كۆپ ئوقۇغىنىم چەبىيات مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە مەرغۇلى بولدى. ھەر چالسام بىر مۇڭ، يېڭى كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ، باشقىلار ئاڭلاپ زوقلىنىدۇ. دېمەك، بىر مۇقامنى 30 يىل ئېيتساڭمۇ ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى تۈگىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ نەچچە ئەسىرلىك تارىختىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى، ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ روھىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىزگۈ كۈيلەر، مۇڭ-ھەسرەتلەر، گۈزەللىككە تەلپۈنۈشلەر، ھەممىنى ئارقىغا تاشلاپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان جاسارەتلەر بار.
ئامېرىكادا مەن بىلىدىغان بىر قانچە مۇقام ئاشىقلىرى بار. يىللار ئىلگىرى كالىفورنىيەدە خوڭ كوڭلۇق بىر خىتاي بىلەن كۆرۈشتۈم، ئابدۇرەھىم ھېيت مېنىڭ ئۇستازىم دەپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسلۇبتا دۇتار چېلىپ بىزنى ھەيران قالدۇردى. ئىيان دەپ بىر ئىنگىلىز بار، 80 ياشتىن ئاشتى، ئۆيىدە ئۇيغۇر سازلىرىنىڭ ھەممىسى بار، ئۆزى داپ چالىدۇ. بىز بىر قانچە سەپەردە بىللە چېلىشتۇق. ئانسامبىل قۇرىمىز دېيىشتۇق، ئەمما چەتئەلدە جان . ،بېقىشنىڭ كويىدا يۈرۈپ كەتتۇق. قورساق توق بولغاندا، غەمدىن بىر ئاز قۇتۇلغاندا ئاندىن نەغمە-ناۋا قىلىدىغان گەپ ئىكەن.